باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

--باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىندىكى مۇھىم سۆزى توغرىسىدا

2018.09.17 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسلاھات بولسا، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھېسابلىنىدۇ.مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا پەقەت يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەندىلا، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇشقا بولىدۇ.

  مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، ئېلىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى كۆزلەپ، مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇلىرىنى قەتئىي يوقىتىشنىڭ يۆنىلىشى ۋە يولىنى كۆرسىتىپ بەردى.بۇ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ۋە خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مائارىپنى ھەردائىم ھەممىدىن ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە ئىسلاھات تەدبىرلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلدى. شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، مائارىپ بولسا، ئىسلاھات نۇقتىلىرى كۆپ، دائىرىسى كەڭ، لىنىيەسى ئۇزۇن، ئىشلەشكە تېگىشلىك ئىشلار ناھايىتى كۆپ بولغان بىر ساھەدۇر. نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ مائارىپىدا يەنە بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە كەمتۈكلۈكلەر مەۋجۇت. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ سىستېمىلىقلىقى، ئۇنىڭ پۈتۈنلۈك ۋە ماسلىشىشچانلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئاكتىپ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ۋە ئۇنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئېلىمىزنىڭ مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سوتسىيالىزم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، مائارىپنىڭ جامائەت پاراۋانلىق خاراكتېرى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، مائارىپ ئادىللىقىنى دۆلەتنىڭ نېگىزلىك مائارىپ سىياسىتى قىلىش كېرەك. ﻣﺎﺋﺎرىپ ئادىللىقى ئىجتىمائىي ئادىللىقنىڭ مۇھىم ئاساسى، مائارىپنى چوقۇم خەلقنى مەركەز قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەممە ئادەمنى تەربىيەلىنىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنى يېتىلدۈرۈش، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش، خەلققە بەخت يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىغان پۇرسەتكە ئىگە قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر بىر ئادەمگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، ئۆگىنىشنى ھەربىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەممە ئادەم ئۆگىنىشكە ئامراق، ھەممە يەردە، ھەر ۋاقىت ئۆگەنگىلى بولىدىغان ئىمكانىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەر بىر ئادەمگە باراۋەر يۈزلەنگەن مائارىپ بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ ھەر بىر ئادەم جىنس ئايرىماي، شەھەر-يېزا، رايون ئوخشىماسلىقىغا قارىماي، باي-نامرات، مىللەت ئايرىماي ھەممىسىنىڭ ياخشى مائارىپنى قوبۇل قىلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەر بىر ئادەمگە ماس كېلىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ تىرىشىپ ئوخشىمىغان مىجەز، تەبىئىي تالانت، ئوخشاش بولمىغان قىزىقىش ۋە ئالاھىدىلىك، ئوخشاش بولمىغان ساپا ۋە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مائارىپنى قوبۇل قىلالايدىغان قىلىش؛ تېخىمۇ ئوچۇق ۋە جانلىق بولغان مائارىپ بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ خىل مائارىپ تاللىيالايدىغان ئىمكان ھازىرلاپ، ئۆسۈپ يېتىلىش يولىنى تېخىمۇ كەڭ قىلىپ، بىلىمىنى ئۆستۈرۈش يولى، كەسپىنى ئۆستۈرۈش يولى، ئىجتىمائىي ئۆرلەش يولىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر