باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

شى جىنپىڭ بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈن «نامراتلىقنىڭ يىلتىزى»نى قېزىپ چىقىرىشىمىزغا ياردەم قىلغان ئىدى (يېڭى ئىدىيە ئەمەلىيەت داۋامىدا ھاسىل بولىدۇ. چاتما خەۋەر (3). فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې قىسىمى)

2018.09.17 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  69 ياشلىق پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى جۇڭ شياڭيىڭ ئۆز ئەسلىمىسىدە مۇنداق دېدى: «گوياڭ كەنتىنىڭ بۈگۈنكىدەك كۈنگە ئېرىشەلىشى، بۇنىڭ ھەممىسى يولداش شى جىنپىڭنىڭ تۆھپىسىدۇر. ئەينى يىلى، يولداش شى جىنپىڭ نىڭدېغا بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، تۇنجى قېتىم ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ، كەنتىمىزگە كېلىپ، كۆپچىلىكنى ئىلھاملاندۇرغان ئىدى، يەنى ھەممىمىزنى ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىزغا، ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، تەپەككۇرنى كېڭەيتىشىمىزگە، ئورمانچىلىق ۋە تېرىقچىلىق قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىمىزغا ئىلھام بەرگەن ئىدى.» جۇڭ شياڭيىڭ شۇجى 30 يىل ئىلگىرى يولداش شى جىنپىڭنىڭ گوياڭ كەنتىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان كۆرۈنۈشنى ئەسلىگەندە،ئۇ ئىشلار خۇددى تۈنۈگۈنكى ئىشتەك ئېسىدە ئېنىق تۇرغان.

  1988 - يىلى 6- ئايدا، يولداش شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نامراتلار ئەڭ كۆپ جۇغلاشقان 18 رايوننىڭ بىرى بولغان فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې ۋىلايىتىگە كېلىپ پارتكوم شۇجىسى بولغان. ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ شەرقىي فۇجيەندىكى 9 ناھىيە ۋە يېزا-بازارلارنى ئايلىنىپ چىققان، كەنتلەرگە كېلىپ، ئۆيلەرگە كىرىپ، نامرات پۇقرالاردىن ھال سوراپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلدۇرۇۇپ چىقىشنى ئويلىغان.

  بۇ يەردە، ئۇ "سۇ تامچىلاۋەرسە ئاخىر تاشنى تېشىدۇ؛ ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندا ئاخىر نەتىجە چىقىدۇ!" دېگەن ئىرادىنى تەشەببۇس قىلغان؛ بۇ يەردە، ئۇ يەنە "قاشاڭ ئۆردەك بالدۇر ئۇچار." دېگەن تەمسىل بار، شۇڭا بىز شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشىمىز كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن.

  ئەينى ۋاقىتتا شۇنىڭ ناھىيەسى شياداڭ يېزىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان ليۇ مىڭخۇا ئىلگىرىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ بىزنى «ئەمەلىي ئىشلەپ باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئاندىن ياردەمگە ئېرىشىش كېرەك.» دەپ ئىلھاملاندۇرغان ئىدى. شياداڭ يېزىسى بولسا، «چەت ۋە ئادەم بارمايدىغان جاي» دېگەن نامى بىلەن جاھانغا پۇر كەتكەن بىر جاي ئىدى. يولداش شى جىنپىڭ بولسا، يېزا قۇرۇلغاندىن بۇيان، شۇ يېزىغا تۇنجى كەلگەن ۋىلايەت رەھبىرى ئىدى.

  1989- يىلى 7- ئاينىڭ 19- كۈنى، يولداش شى جىنپىڭ ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى 18 ئورۇننىڭ مەسئۇل يولداشلىرىنى باشلاپ، شياداڭ يېزىسىغا كېلىپ، نەق مەيداندا ئىش بېجىرگەن ئىدى.

  شۇ كۈنى دەل تومۇزنىڭ ئالدىنقى دەسلەپكى كۈنلىرى ئىدى، ھاۋا دەھشەت ئىسسىق ئىدى. يولداش شى جىنپىڭ سەھەردە شۇنىڭ ناھىيەسىدىن يولغا چىقىپ، ماشىنا بىلەن ئىككى سائەتتىن ئارتۇق يۈرۈپ، يەنە ئىككى سائەتتىن ئارتۇق تاغ يولىنى پىيادە مېڭىپ، ئاندىن شياداڭ يېزىسىنىڭ بېشىدىكى لۇەنفېڭ كۆۋرۈكىگە يېتىپ بارغان ئىدى.

  ليۇ مىڭخۇا يەنە مۇنداق دېدى: ئۇ شۇ چاغدا چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن بوينىغا ئاتىۋالغان ئاق لۆڭگىسى بىلەن تەرىنى سۈرتكەچ، يەنە بىر تەرەپتىن كۆۋرۈك ئۈستىدىكى ئۇنى قارشى ئېلىشقا ئالدىغا چىققان كادىرلار ۋە ئامما بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن ئىدى. تەردە ھۆل بولۇپ كەتكەن ئاق كۆڭلىكىنى سېلىۋېتىپ، ئۇنى كارىدور كۆۋرۈك ئۈستىگە يېيىپ قوغان ئىدى.

  يولداش شى جىنپىڭ يۇرتداشلار ئېلىپ كەلگەن بىر قاچا سوغۇق چاينى ئىچىۋەتكەندىن كېيىن، دەرھاللا لۇەنفېڭ كۆۋرۈكى بويىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش يىغىنى ئاچتى. ئۇ شۇ چاغدىكى يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ياڭ يىجۇغا مۇنداق دېدى: سىز دېگەن خوجايىن، ئوتتۇرىدا ئولتۇرۇڭ.

  شۇ زامانلاردا شياداڭ يېزىسىدا يول يوق، توك يوق ئىدى. شۇ يېزىغا تېزراق توك يەتكۈزۈش ئۈچۈن، بەزىلەر يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلاردىن سىم تارتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. لېكىن، يولداش شى جىنپىڭ بۇنى مۇۋاپىق كۆرمەي، مۇنداق دېگەن ئىدى: «بېيىش ئۈچۈن ئاۋۋال يول ياساش كېرەك، دېگەن پىكىرگە مەن قوشۇلىمەن. لېكىن، سىم تارتىپ توك يەتكۈزۈش پىكرىگە كەلسەك، مېنىڭچە ئۇنى يەنىلا بولدى قىلايلى، چۈنكى، سىم تارتىپ كېلىپ توك يەتكۈزۈش ئىشى، قارىماققا ئۈنۈمى تېز بولىدىغاندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزگە توك پۇلى يۈكىنى ئارتىۋالىمىز. شياداڭ يېزىسىدا سۇ بايلىقى بار تۇرسا، بىز ئەڭ ياخشىسى ئۆزىمىز بىر سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرساق ياخشى بولىدۇ، دېگەن ئىدى.

  بۇ سۆزگە نەق مەيداندىكى كادىرلار ۋە ئامما توختىماي بېشىنى لىڭشىتىشىپ بارىكاللا ئېيتىشتى. ليۇ مىڭخۇا مۇنداق دېدى: ئۇ بەك چوڭقۇر ئويلىيالايدىكەن ۋە يىراقنى كۆرەلەيدىكەن. نەق مەيدان يىغىنى ئاخىرلاشقاندا، يولداش شى جىنپىڭنىڭ كۆپچىلىكنى ئىلھاملاندۇرۇپ، «ئەمەلىي ئىشلەپ باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئاندىن ياردەمگە ئېرىشىش كېرەك.» دەپ ئېيتقان بۇ گېپىنى مەن ئىزچىل كۆڭلۈمدە ساقلاپ كېلىۋاتىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر