باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ۋە قەرزىگە چەك قويۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.09.14 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ۋە قەرزىگە چەك قويۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى، ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ۋە قەرزىگە چەك قويۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى 1- يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قاتارلىقلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ۋە قەرزىگە چەك قويۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پىشاڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ كۈچىيىشى، ئەلالىشىشى ۋە زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېلاستىكلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك يېتەكچى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  1 . ئومۇمىي نىشان. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ۋە قەرزىگە چەك قويۇشنى كۈچەيتىش بولسا، چوڭ خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى يېنىكلىتىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىردۇر. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ۋە قەرزىنى چەكلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق،يۇقىرى مۈلۈك قەرز نىسبىتىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تېزدىن مۇۋاپىق سەۋىيەگە قايتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مۈلۈك ۋە قەرز نىسبىتىنى 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2 پىرسەنت پوئىنتى تۆۋەنلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك قەرز نىسبىتى ئوخشاش كەسىپ ۋە ئوخشاش كۆلەملىك كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ساقلاپ قىلىش.

  2. ئاساسىي پىرىنسىپ

  -- ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ۋە تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش. بارلىق ساھە ۋە بارلىق تىپتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ۋە قەرزلىرىنى چەكلەش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرنىڭ مۈلۈك قەرزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، كەسىپلەر بويىچە ئايرىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك قەرزلىرىنى چەكلەش كۆرسەتكۈچى ئۆلچىمىنى تەسىس قىلىش. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چەكلەش كۆرسەتكۈچى ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن دۆلەت كارخانىلىرىنى، كارخانىلارنىڭ ھازىر تۇرۇۋاتقان تەرەققىيات باسقۇچىغا بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىلاردىكى تۈرلۈك مالىيە كۆرسەتكۈچلىرى ۋە ئۇنىڭ كەسپىي تەرەققىيات ئىستىقبالى ئاساسىدا ئۇنىۋېرسال باھا بېرىپ، خەتەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچە بولغان كەسىپلەردىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك قەرز نىسبىتىنى قاتتىق كونترول قىلىش، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولغان ئستراتىگىيىلىك يېڭى تىپتىكى كەسىپلەر، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك قەرز نىسبىتىنى مۇۋاپىق ھالدا جانلىق ئىگىلەش.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر