باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى تارماق مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنسىز تىجارەت ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2018.09.11 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تەرەپ ئۈندىدارىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى بىرلىكتە جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، توردا زاكاز قىلىدىغان تاكسى ماشىنىلىرى ۋە خۇسۇسىي كىچىك ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  يېقىنقى مەزگىلدە، توردا زاكاز قىلىدىغان تاكسى ماشىنىلار (قىسقارتىلىپ تور تاكسىلىرى دېيىلىدۇ) قانۇنسىز تىجارەت قىلىش، خۇسۇسىي كىچىك ئاپتوموبىلغا بىرلىشىپ ئولتۇرۇشتا (ئۆتەر يول ماشىنىسى، بىرلىشىپ ئولتۇرۇش ئاپتوموبىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قەبىھ جىنايى دېلولىرى كەينى-كەينىدىن يۈز بېرىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ جېڭجۇ، ۋېنجۇدىكى دى دى ئۆتەر يول ئاپتوموبىلى شوپۇرىنىڭ قاتىللىق قىلىش دىلوسى جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ساھەنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزدى.

  قانۇنسىز تىجارەت ھەرىكىتى يولۇچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە تەھدىت سېلىپ، بازار رىقابىتى تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇردى. جايلاردىكى قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسىسىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر خىل قانۇنسىز تىجارەت ھەرىكىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. تور تاكسى سۇپىلىرى، خۇسۇسىي كىچىك ئاپتوموبىلغا بىرلىشىپ ئولتۇرۇش ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىلىرى قانۇنسىز تىجارەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان بولسا، سۇپا شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنى جازالاش سالمىقىنى زورايىتىش كېرەك. «قوش ئىختىيارىي» ئارىلاپ تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىش لازىم. مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى، قانۇن ئىجراسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى خاتىرىلەش تۈزۈمى، زور قانۇن ئىجراسى قارارىنى قانۇنچىلىق جەھەتتىن تەكشۈرۈپ بېكىتىش تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇننى قاتتىق، قېلىپلاشقان، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىش كېرەك. قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان قىلمىشلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تاكسى تىجارىتى بىلەن قانۇنسىز شۇغۇللىنىشقا زەربە بېرىشتەك مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر