باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن مۇپەتتىشلىك گۇرۇپپىسىدىن سەككىزنى تەشكىللەپ ھەر قايسى تارماقلارغا ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 30 تارماق ۋە ئورۇنلارغا بېرىپ تەكشۈرۈش قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى

جۇڭگو تېلېگرافى، جۇڭگو بىرلەشمە ئالاقىچىلىكى ۋە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى قاتارلىق ئوبيېكتلار نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈلدى

2018.09.11 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ 2018- يىللىق چوڭ تەكشۈرۈشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون ۋە شەھەر)دە،ھەمدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە نەق مەيداندا تەكشۈرۈش قىلىش ئاساسىدا، 9- ئاينىڭ 10- كۈنى، گوۋۇيۈەن مۇپەتتىشلىك گۇرۇپپىسىدىن سەككىزنى تەشكىللەپ،ئۇلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا گوۋۇيۈەننىڭ 30 تارماق ۋە ئورۇنلىرىغا بېرىپ، ئۇ ھەر قايسى تارماقلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ زور تەدبىرلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

  بۇ قېتىمقى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش قىلىشتا، «بىر ئورۇنغا بىر تەدبىر قوللىنىش» ئۇسۇلى بويىچە، تەكشۈرۈش نۇقتىسىنى سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان «ئەڭ ئاۋۋالقى بىر كىلومېتىر»غا فوكۇسلاپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى نىشان ۋەزىپىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا قارىتا نىشان ۋە ۋاقىتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا سېلىشتۇردى ۋە توغرىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامما ۋە بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ھەمدە توسۇلۇپ قالىدىغان نۇقتىلار ۋە توسۇلۇش مەسىلىلىرىگە قارىتا، بولۇپمۇ ئالدىنقى باسقۇچتا يەرلىككە نازارەت قىلىش جەريانىدا بايقالغان تىپىك مەسىلىلەر ۋە ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر-تەكلىپلەرگە قارىتا، «بېرىش،باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىشش» ئىسلاھاتى ۋە ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسى قاتارلىقلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئالاقىدار تارماقلار چوقۇم بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىۋېلىش ۋە دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ئۆزگەرتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەمدە جەمئىيەتنىڭ دىققىتىگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك.

  خىزمەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بويىچە، گوۋۇيۈەننىڭ ھەربىر نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى نەق مەيداندا 3-4 تارماق ياكى ئورۇننى تەكشۈرۈش كېرەك، مۇددىتى 10كۈندىن 12 كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى نازارەتچىلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەزالىرى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە يەرلىكتىن ئارىلاپ يۆتكىلىدۇ، ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ. نەق مەيداندا نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر مەسىلە يۆنىلىشى ۋە نەتىجە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، كىچىك دائىرىلىك سۆھبەت، بىرگە-بىر سۆھبەتلىشىش، ھۆججەت كۆرۈش، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ سىياسەت تۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى، كارخانا ئاممىسى، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ۋە مەمۇرلارنىڭ ئادەمگە ۋە تارماقنىڭ خىزمىتىگە بولغان پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلايدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش ۋە ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق خەلق ئاممىسى يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەمەلىي ئىشلارنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىلقى چوڭ تەكشۈرۈشتە تۇنجى قېتىم جۇڭگو تېلېگراف، جۇڭگو بىرلەشمە ئالاقىچىلىكى ۋە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئوبيېكتلار نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ھەمدە تور ئەھلىلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، ئۈچ چوڭ تېلېگراف تىجارىتى شىركىتى بىلەن يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر