- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو بىرۇنېينىڭ ئەڭ چوڭ ساياھەتچىلەر مەنبەسىگە ئايلاندى
2018.09.10 14:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرۇنېي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە جۇڭگو برۇنېينىڭ ئەڭ چوڭ ساياھەتچىلەر مەنبەسىگە ئايلاندى.
سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، 1- پەسىلدە بىرۇنېي خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئارقىلىق مەزكۇر دۆلەتكە يېتىپ بارغان خەلقئارا ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 70مىڭ 729 ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 4.1 ئاشقان. جۇڭگو بىرۇنېينىڭ ئەڭ چوڭ ساياھەتچىلەر مەنبەسىگە ئايلاندى، بىرونېي خەلقئارا ساياھەتچىلەر ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %26.2گە ئۆرلىدى،2017-يىلى ئوخشاش مەزگىلدە بۇ نىسبەت %18.5 ئىدى.
برۇنېي ئالدىنقى بەش چوڭ خەلقئارا ساياھەتچىلەر مەنبەسىدە يەنە مالايشىيا، ھىندونېزىيە، فىلىپپىن ۋە سىنگاپور قاتارلىقلار بار.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر