9- ئاينىڭ 6- كۈنى، سەئۇدى رىيادتا، كىشىلەر تەكلىپ قىلىش يىغىنغا قاتناشماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو مەبلەغ سېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تىجارەت يۈرگۈزۈۋاتقان چوڭ تىپتىكى 25 كارخانا 9- ئاينىڭ 6- كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتا چوڭ تىپتىكى تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش ئىزدىشىنى جەلپ قىلدى، شۇ ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىغا كۈچ چىقىرىشقا ئىرادە باغلىغان سەئۇدى ئەرەبىستانى ياشلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى