باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىتالىيە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلدى

2018.09.07 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىتالىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جىراچى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى مۇنداق دېدى: ئىتالىيە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  جىراچى شۇ كۈنى ئىتالىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىتالىيە «جۇڭگو ۋەزىپە گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، جۇڭگو بىلەن ئۈچىنچى تەرەپ ئارىسىدا، بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ئىتالىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقى 8- ئاينىڭ 21- كۈنى «جۇڭگو ۋەزىپە گۇرۇپپىسى»قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭدا، ھۆكۈمەت، سودا ساھەسى ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەر ئارا سۆھبەتلىشىش مېخانىزمى قۇرۇش، ھەمدە ئىتالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىقلار مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، جىراچى بۇنىڭدا ماسلاشتۇرۇپ قوماندانلىق قىلىشقا مەسئۇل بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر