باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەرقىي ئاسىيا دېڭىز-ئوكيان ھەمكارلىق سۇپىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ياردەمچى بولدى

2018.09.06 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىللىق شەرقىي ئاسىيا دېڭىز-ئوكيان ھەمكارلىق سۇپىسى چىڭداۋ مۇنبىرى 9- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنى تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى ۋە شەندۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان. جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئافرىقا قاتارلىق 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 400گە يېقىن ئەزىز مېھمانلار يىغىنغا قاتناشتى، كۆك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى تورى بەرپا قىلىش ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىپ، ھەمدە بۇ سۇپىنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېڭىز - ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، پەن - تېخنىكا، ئادىمىيەت، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي ئاسىيا دېڭىز - ئوكيان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى.

  شەرقىي ئاسىيا دېڭىز-ئوكيان ھەمكارلىق سۇپىسى بولسا، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدىكى سىمۋول خاراكتېرلىك تۈر بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو - ياپونىيە - كورېيەگە يۈزلەنگەن ( 3 + 10 ) قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پىلانى ئالدىن ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان تۈرلەر ۋە شەندۇڭ كونا-يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىش قۇرۇلۇشىنى زور ئىلگىرى سۈرۈش تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر