باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى ئەسكەرتمەكتە: ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، بالىلار كۆزلىرىنى مۇۋاپىق ۋاقىتنى تاللاپ ئىشلىتىشى ۋە كۆزلىرىنى ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك نۇقسانى بايقالغان ھامان ۋاقتىدا داۋالىتىشى كېرەك

2018.09.06 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ دەرس ئوقۇش ۋاقتى ۋە دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن دەرسلەرنى تەكرار قىلىپ ئۆگىنىش قىلىشتا ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىش ۋاقتى كۆپىيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ بېرىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كۈندىلىك ئۆگىنىشىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى ۋە كۆز ئاسراشقا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، قۇياش نۇرى بەك كۈچلۈك چاغلاردا سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلماسلىقىنى، يىراقنى كۆرەلمەسلىك نۇقسانىنى ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا داۋالىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭشەن كۆز بۆلۈمى مەركىزى نۇر سۇندۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى زېڭ جۈن ئەسكەرتىپ: كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈش يىراقنى كۆرەلمەسلىك نۇقسانىنى تەكشۈرۈپ بايقاشنىڭ تۇنجى قەدىمىدۇر، كومپيۇتېر بىلەن كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسى ئارقىلىقمۇ بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى توغرا بولۇشى ناتايىن. كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرى ئادەتتە بالىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نۇقسانىنى تەكشۈرۈشتە كۆز قارىچۇقىنى كېڭەيتىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق بالىلارنىڭ كۆرۈش كۈچىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، يىراقنى كۆرەلمەسلىكە دىئاگنوز قويىدۇ. بۇنىڭ توغرا بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقۇرى بولىدۇ، دېدى.

  زېڭ جۈن يەنە تەكلىپ بېرىپ، بالىلاردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، يوشۇرۇن كۆزئەينەك ۋە OK (ئەينەك) تىپلىق كۆزئەينەك، ياكى 100 گىرادۇستىن تۆۋەن كۆزئەينەك تاقىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئەڭ مۇھىمى ئۇلار ئادەتتە كۆز ئىشلىتىش ئادىتىگە دىققەت قىلىشى كېرەك، مەسىلەن، كۆزنى بىر سائەتتە بىر قېتىم ئارام ئالدۇرۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك، بولۇپمۇ ئالتە ئايدا بىر قېتىم كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا، بالىلاردىكى كۆز كېسەللىكىنى بالدۇر بايقاپ،بالدۇر تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. ئەگەر كۆرۈش قۇۋىتى 100 گىرادۇستىن يۇقىرى بولسا، بۇ بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، 200 گىرادۇستىن يۇقىرى بولغاندا چوقۇم كۆزئەينەك تاقاش كېرەك، دېدى.

  زېڭ جۈن يەنە: سەككىز ياشتىن يۇقىرى ۋە كۆز قۇۋۋىتى 600 گىرادۇستىن تۆۋەن بولغان بالىلارغا ھازىر كىلىنىكىدا ok ئەينەك (كۆزئەينەك) رېزىنكە كۆز قارىچۇقى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى كەچتە تاقاش تەكلىپىنى بىرىدۇ، قانچە بالدۇر تاقىسا، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ تەرەققىياتىنى شۇنچە بەك تېز كونترول قىلغىلى بولىدۇ، دېدى.

  زېڭ جۈن يەنە ئەسكەرتىپ، بالىلارنىڭ 10 ياشتىن بۇرۇنقى مەزگىلى بالىلارنىڭ كۆز ئالمىسىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ مەزگىلدە بالىلارنىڭ ھەمىشە ئۇزۇن مەزگىل يېقىن ئارىلىقنى كۆرەلمەسلىك ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىكتەك خەۋپ-خەتەرلەر چوڭ بولىدۇ. شۇڭا، بۇ مەزگىلدە كۆزنىڭ يېقىننى ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلار چوقۇم ئۈگىنىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىپ، ھەربىر سائەتتە بىر قېتىم كۆزنى دەم ئالدۇرۇشى، كىتاب ئوقۇغاندا تۈز قىياپەتتە ئوقۇشى، كىتاب بىلەن كۆز ئارىلىقىنىڭ 45 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، كىتابنى يورۇق جايدا ئوقۇشى، سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر