خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 4- كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى نەنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى خۇبېي ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ شەنچياۋنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى، جاۋابكار ليۇ شەنچياۋغا پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن 12 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى، ھەمدە خەلق پۇلى ھېسابىدا 2 مىليون يۈەن ئىشتىراف قويۇلدى؛ ليۇ شەنچياۋنىڭ پارا ئېلىپ ئېرىشكەن مال-مۈلۈكلىرى ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىلىرى قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى. ليۇ شەنچياۋ سوتتا ھۆكۈمگە بويسۇنغانلىقىنى، نارازىلىق ئەرزى بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى