خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 4- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا «جۇڭگو-ئافرىقا بىرلىشىپ ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تۇرۇپ گۈزەل كەلگۈسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش» باش تېمىسىدىكى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، ئافرىقا دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ خانىملىرى بىلەن بىرلىكتە «جۇڭگو - ئافرىقا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش باش تېما يىغىنى بىرلەشمە تەشەببۇسى»نى ئېلان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى