باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ بەش يىللىق سودا سوممىسى بەش تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى («بىر بەلباغ، بىر يول» بەش يىل ئىچىدە)

دۆلىتىمىز لىنىيە بويىدىكى 25 دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى

2018.08.28 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرىمىزنىڭ 8- ئاينىڭ 27- كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، 2018- يىلى 6- ئايغا قەدەر، ئېلىمىزنىڭ مەزكۇر لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن قىلغان سودىسىنىڭ سوممىسى جەمئىي بەش تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان، ھەمدە شۇ لىنىيە بويلىرىدىكى دۆلەتلەردە قۇرغان چەتئەلدىكى ئىقتىساد سودا ھەمكارلىق رايونىغا 28 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، شۇ جايغا 244 مىڭ ئىش ئورنى ۋە ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق باج سوممىسى يارىتىپ بەرگەن. دېمەك، دۆلىتىمىز ھازىر دۆلىتىمىز لىنىيە بويىدىكى 25 دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى.

  سودا ئالاقىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. ئۆتكەن بەش يىلدا، ئېلىمىزنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسى بەش تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان، يەنى بۇنىڭدا ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %1.1 بولغان.

  مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. بەش يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە سالغان بىۋاسىتە مەبلىغى يىلىغا ئوتتۇرىچە %7.2 ئاشتى؛ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن يېڭىدىن ئىمزالاشقان تاشقى ھۆددىگەرلىك قۇرۇلۇشىنىڭ توختام سوممىسى 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى.

  چوڭ-چوڭ تۈرلىرى ماكانلىشىپ يىلتىز تارتتى. مومباسا پورتى-نايروبى تۆمۈر يولى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، ئېفىيوپىيە-نايروبى تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلاندى، جۇڭگو-تايلاند تۆمۈر يول قۇرۇلۇش باشلاندى...

  سودا رايونى قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى. بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەردە قۇرغان چېگرا سىرتىدىكى سودا ھەمكارلىق رايونى 82گە يەتكەن، 3995 كارخانا بۇ رايونغا كىردى.

  ئەركىن سودا تورى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. ئېلىمىز لىنىيە بويىدىكى 13 دۆلەت بىلەن بەش ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى ياكى كېلىشىمنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، ئەتراپى تولۇق كۆزلەنگەن، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تولۇق قاپلىغان ۋە دۇنياغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا تورى تېزدىن شەكىللەنمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر