باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەش تارماق بىرلىشىپ بىرلەشمە يىغىن ئېچىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ۋە باجدىن باشقا كىرىمنى ئېلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يۆتكەشنى ئورۇنلاشتۇردى

2018.08.21 17:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت باج باش ئىدارىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ۋە باجدىن باشقا كىرىمنى ئېلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يۆتكەش خىزمىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش بىرلەشمە سىن يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۆتكەش خىزمىتىنىڭ مۇقىم ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇردى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، بۇ يىل 10-دېكابىردىن بۇرۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ۋە تۇنجى تۈركۈم باجدىن باشقا كىرىمنى ئېلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يۆتكەشنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتى تاماملىنىپ، 2019-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ باج تارماقلىرى تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ۋە ئالدىن يۆتكەلگەن باجدىن باشقا كىرىمنى بىر تۇتاش يىغىدۇ.

  ۋاڭ جۈن ھەر دەرىجىلىك باج تارماقلىرىدىن ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ۋاقتىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشنى يېڭى باج ئاپپاراتلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى تەكشۈرىدىغان «سىناق تېشى» قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىكىگە، ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قوللىشى ۋە ماسلىشىشىغا يېقىندىن تايىنىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق زىممىسىگە ئېلىپ، پائال ئىشلەپ، يۆتكەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش، تۈزۈم قۇرۇلۇشى، ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇش، ئېلىش-باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق بىر قاتار خىزمەتلەرنى بىرلىكتە چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، سىستېما تايانچى، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، قېلىپلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە مۇلازىمەت ئۆلچىمى، مۇلازىمەت سەۋىيەسى، مۇلازىمەت سۈپىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەق تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر