باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋۇ جېن قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەكتە

2018.08.17 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋۇ جېن قانۇن- ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن، نۆۋەتتە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەكتە.

  ۋۇ جېننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  ۋۇ جېن، ئەر، خەنزۇ، 1958-يىلى 5- ئايدا تۇغۇلغان، جياڭشى نەنفېڭدىن، 1975-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ئىلگىرى جياڭشى ئۆلكىلىك سەھىيە نازارىتى تېببىي پەن-تېخنىكا باشقارمىسىنىڭ كادىرى؛ جياڭشى ئۆلكىلىك سەھىيە نازارىتى دورا مەمۇرىيىتى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىدارە باشلىقى؛ جياڭشى ئۆلكىلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى؛ جياڭشى ئۆلكىلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرپپىسىنىڭ شۇجىسى؛ جياڭشى ئۆلكىسى يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2006- يىلى 9-ئايدا دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2007-يىلى 8-ئايدىن 2011- يىلى 6-ئايغىچە قوشۇمچە دۆلەت دورىگەرلىك قامۇسى كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى بولغان. 2013-يىلى 4-ئايدا دۆلەت يېمەكلىك- دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكى باش نازارەتچىسى بولغان. 2013-يىلى 7- ئايدا، دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان، 2015-يىلى 8-ئايدا قوشۇمچە دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. (قىسقىچە تەرجىمىھالى دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تور بېكىتىدىن ئېلىندى).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر