باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەن ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئۇنى تارقىتىپ بېرىش چارىسى» پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدۇ

شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەن ئاھالىلىرىرى ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئىلتىماس قىلىپ ئېلىۋالسا بولىدۇ

2018.08.17 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 16- چېسلا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەن ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئۇنى تارقىتىش چارىسى»نىڭ ئالاقىدار مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇردى. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شى جۈن، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ ليۇچۈەن، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لوڭ مىڭبياۋ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە نەق مەيداندا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى باشتىن-ئاخىر كۆڭلىگە پۈككەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ ۋە مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى ئىچكى رايونلارنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ باغلانغان، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ دۆلەت ئېڭى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى كۈچەيتىپ، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ۋەتەن خەلقى بىلەن بىرلىكتە مىللەتنى گۈللەندۈرىدىغان تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىپ، ۋەتەننىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشىدىكى ئۇلۇغ شان-شەرەپلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك؛ ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بولسا تەقدىرداشلار ۋە قان-قېرىنداشلار بولۇپ، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرىدۇر. بىز «ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدۇر» دېگەن بۇ ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن باشلامچىلىق بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى ئاممىنىڭ مەنپەئەتلىنىش دائىرىسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تىرىشىپ كېڭەيتىشىمىز كېرەك. پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: بىز «ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېن بىلەن بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېن ئاھالىلىرىنىڭ ئىچكى رايونلاردا تەرەققى قىلىشىغا قولايلىق بولغان سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى تۈزۈشىمىز ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك»، «ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك». تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئوقۇشى، ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈشىدە، ئۇلار تەدرىجىي ھالدا چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى قېرىنداشلار بىلەن ئوخشاش بولغان تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك.

  مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم ئۈزۈپ ئېلان قىلىنغان «شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەن ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئۇنى تارقىتىپ بېرىش چارىسى»دا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەن ئاھالىلىرىگە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئاساسىدا، بەزى شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ئىنكاس قىلغان ئىچكىرى ئۆلكىلەر (چوڭ قۇرۇقلۇق)قا بېرىپ-كېلىش يول خېتى ئارقىلىق توردىن بېلەت سېتىۋېلىش، ئاپتوماتىك بېلەت چىقىرىش، ياتاق ئېلىش ۋە پۇل مۇئامىلە كەسپى قاتارلىق جەھەتلەردە ئانچە قولايلىق بولماسلىق مەسىلىسى ئۈستىدە، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەن ئاھالىلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ پاراۋانلىقىنى كۆزلەيدىغان ھەمدە خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان يەنە بىر تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەن ئاھالىلىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردا ئىچكى ئۆلكىلەر (چوڭ قۇرۇقلۇق)تىكى ئاھالىلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولغان جامائەت مۇلازىمىتى ۋە قولايلىقىدىن بەھرىمەن بولۇشى مەقسەت قىلىنغان. بۇ، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشتىكى كونكرېت ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەن ئاھالىلىرىنىڭ بەختلىك بولۇش يولىنى قولايلاشتۇرۇش ۋە خاسلاشتۇرۇشتىكى بىر مۇھىم تەدبىردۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر