باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش − كەلگۈسىنى تېخىمۇ ياخشى يارىتىش ئۈچۈندۇر (قوڭغۇراق ساداسى)

2018.08.15 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  73 يىل بۇرۇنقى 8-ئاينىڭ 15- كۈنى، ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر يىلى، ياپونىيەنىڭ بۇ كۈننى قانداق خاتىرىلىشى ياپونىيەنىڭ خەلقئارا ھەققانىيلىقنى تونۇغان ياكى تونۇمىغانلىق ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈردى ھەمدە جۇڭگو خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دۆلەتلەر خەلقلىرىنىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر كۆرسەتتى.

  بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى فۇكۇدا ياسىئو نەنجىڭغا كېلىپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىنى تاۋاپ قىلىپ، گۈل قويۇپ تەزىيە بىلدۈرگەندە: «ياپونىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقى تارىخنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە تىنچ ۋە گۈزەل يېڭى دەۋرنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك»، دېدى ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ياپونىيەلىكلەرنىڭ ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش تارىخىنى چۈشىنىپ، تارىختىن ساۋاق ئېلىپ، پاجىئەنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلدى.

  «ئەمدى ئۇرۇش يۈز بەرسە مۇتلەق بولمايدۇ، سىلەر مېنىڭ ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەنلىرىمنى كېيىنكىلەرگە دەپ بېرىڭلار». دادىسىنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ۋەسىيىتىنى ئەستە چىڭ ساقلىغان، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرى ياماموتو تاكېشىنىڭ ئوغۇللىرى ياماموتو فۇجيو ئاكا-ئۇكىلار بۇ يىل 8-ئاينىڭ 11- كۈنى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىغا كېلىپ، تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى سۆزلەپ، دادىسىغا ۋاكالىتەن نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ھايات قالغانلاردىن كەچۈرۈم سورىدى... ياپونىيەدىكى بىلىملىك زاتلارنىڭ تارىخقا توغرا قاراپ، تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، تىنچلىققا مۇراجەت قىلىش ھەرىكىتى جۇڭگو خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تىنچلىق سۆيەر زاتلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.

  ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا توغرا مۇئامىلە قىلىش ۋە چوڭقۇر ئويلىنىش – جۇڭگو- ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم سىياسىي ئاساسى، شۇنداقلا ياپونىيەنىڭ ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشىنىڭ زۆرۈر شەرتى. 1972-يىلى ياپونىيە «جۇڭگو-ياپونىيە قوشما باياناتى»دا: «ياپونىيە تەرەپ ياپونىيە دۆلىتىنىڭ ئىلگىرى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، جۇڭگو خەلقىگە زور زىيان سالغانلىق جاۋابكارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ، خاتالىقى ئۈستىدە قايتا چوڭقۇر ئويلىنىدۇ»، دېگەن ئىدى. ياپونىيەنىڭ تارىخىي مەسىلىگە بولغان بۇ ئاساسىي تونۇشى بار بولغانلىقتىن، جۇڭگو- ياپونىيە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر