باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنى تاللاپ تەكشۈرۈش تېخنىكىسى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سالاھىيەت ئىسپاتىغا ئېرىشتى

2018.08.15 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو ئالىملىرى يېتەكچىلىك قىلىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان بالىياتقۇ بوينى راكىنى تېز تەكشۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك تېخنىكا، يەنى careHPV تەكشۈرۈشى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سالاھىيەت ئىسپاتىغا ئېرىشتى. بۇ ئۇنىڭ خەلقئارا بازارغا كىرەلىشى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ نامرات رايونلاردىكى ئاياللارغا نەپ يەتكۈزەلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگونىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنى تېز تەكشۈرۈشتىكى بۇ تۈرلۈك تېخنىكىسى بالىياتقۇ بوينى راكىنى تۈگىتىش ۋە ئىنسانلارغا بەخت يارىتىش ئۈچۈن چوقۇم پائال تۆھپە قوشىدۇ.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە، ھەر يىلى %40دىن %50كىچە بولغان ئاياللار بالىياتقۇ بوينى راكىنى تاللاپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىدىكەن. بىراق، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردە، بۇ سان ئاران %5نى ئىگىلىگەن. بۇ يىل 5- ئايدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بالىياتقۇ بوينى راكىنى پۈتۈن دۇنيا دائىرىسى ئىچىدە تۈگىتىش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كېلىش پەرمانىنى چىقاردى.

  چياۋ يۇلىن مۇنداق دېدى: نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، نېپىز ھۈجەيرە ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈشكە ئىككىنچى ئەۋلاد شالغۇتلاشتۇرۇلغان تۇتۇش تېخنىكىسىنى قوشۇش بالىياتقۇ بوينى راكى كېسىلىنى تەكشۈرۈشكە قارىتىلغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. لېكىن، بۇنىڭدىكى بىردىنبىر مەسىلە شۇكى، بۇنداق تەكشۈرۈشنىڭ بىر قېتىملىق ھەققى 500 يۈەندىن يۇقىرى بولۇپ، كەڭ نامرات رايونلاردىكى ئاياللار بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

  نۆۋەتتە، سىركە كىسلاتاسى بوياش ئۇسۇلى نامرات رايونلاردا بالىياتقۇ بوينى راكىنى تاللاپ تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى بولۇپ قالدى. چياۋ يۇلىن يەنە مۇنداق دېدى: بۇ خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلىغا پەقەت 10 يۈەنلا كېتىدۇ، لېكىن ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ. ئەگەر ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى ياخشى تەربىيەلەنمىگەن بولسا، ئۇنىڭ تەكشۈرۈشتىكى يالغان مەنفى نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %40كە يىتىشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر