باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىئەن ئوپتىك نازۇك ماشىنىلار تەتقىقات ئورنى - -

پەن-تېخنىكىنى ھەقىقىي مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇش (شەرقتىكى ئۇلۇغۋار دولقۇن، جەسۇرانە يېڭى دەۋر __ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز)

2018.08.15 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىئەن جوڭكې چۇاڭشىڭ پەن - تېخنىكا ئىنكۇباتور چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچى شېرىكى 39 ياشلىق مى لېي بەك ئالدىراش بولۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ مەسلىھەتلىشىدىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك بار. ئەگەر پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈش خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتمىگەن بولسا، مى لېي شىئەن ئوپتىكىلىق مېخانىكىلىق ئورنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بەلكىم ئۇمۇ كۆپ قىسىم خىزمەتداشلىرىغا ئوخشاشلا تەجرىبىخانىدا ئالدىراش بولغان بولۇشى مومكىن ئىدى.

  جوڭكې چۇاڭشىڭ پەن - تېخنىكا ئىنكۇباتور چەكلىك شىركىتى 2012- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىئەن ئوپتىك نازۇك ماشىنىلار تەتقىقات ئورنى ئىجتىمائىي كاپىتال بىلەن بىرلىكتە تەشەببۇس قىلىشى ئارقىلىق قۇرۇلغان. مەزكۇر شىركەت ھازىر يۇقىرى ۋە يېڭى تېخنىكا كەسپىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش مۇلازىمەت سۇپىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۈگۈنگە قەدەر، ئۇ يۇقىرى ۋە يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلاردىن 230نى يېتىشتۈرۈپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتىسى «يېڭى 3- بۆلەك»تە بازارغا سېلىندى، ھەمدە ئۇنىڭ بازار قىممىتى 20 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.

  شىئەن ئوپتىكىلىق مېخانىكا ئورنىنىڭ باشلىقى جاۋ ۋېي مۇنداق دېدى: پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەرگە ۋە دەۋر تەرەققىياتىغا يۈزلەنگەندىن باشقا، ئۇ يەنە چوقۇم خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىغا ھەقىقىي تۈردە يۈزلىنىپ، پەن - تېخنىكىنى ھەقىقىي مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  چېڭ دۇڭ بولسا، فوتوئېلېكتىرون توپلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس ھېسابلىنىدۇ. 2013- يىلى 9-ئايدا، جۇڭگو خەلقئارا فوتوئېلېكتىرون كۆرگەزمىسىدە، جاۋ ۋېي ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىش مەقسىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ چاغدا، چېڭ دۇڭ كوللېكتىپنى باشلاپ بېرىپ شىئەندە ماكانلاشقان ئىدى. 2014- يىلى 2- ئايدا، چېڭ دۇڭنىڭ ئەترىتى شىئەن چىشىن فوتوئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇردى. ئۇنىڭدا ئاساسلىقى فوتوئېلېكتىرون توپلاشتۇرۇش تۈرىنى كەسىپلەشتۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىدى. چېڭ دۇڭ مۇنداق دېدى: ئوپتىكىلىق مېخانىكا ئورنىنىڭ ئادەم ئىشلىتىشتە يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئېچىۋېتىلگەن ھالدا ئورۇن قۇرۇش ئىدىيەسى مېنى جەلپ قىلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، چىشىن فوتوئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ يۇقىرى سۇندۇرۇش كۆرسەتكۈچى، تۆۋەن سەرپىيات، تۆۋەن تەننەرخى ۋە ئۈچ ئۆلچەملىك كەڭ كۆلەملىك فوتوئېلېكتىرون توپلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ياساپ چىقتى، كۆپ ئىقتىدارلىق ۋە كۆپ قاناللىق ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىشنىڭ يادرولۇق دېتالىنى ئىشلەپچىقىرىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا خۇاۋېي ۋە ئامازون قاتارلىق داڭلىق كارخانىلارنى مال بىلەن تەمىنلىدى.

  شىئەن ئوپتىكىلىق مېخانىكا ئورنى 2006- يىلىدىن باشلاپ پەن تەتقىقات، مائارىپ ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ئىسلاھات قىلغان بولۇپ، 12 يىل جەريانىدا، «قورۇق تامنى بۇزۇۋېتىپ، ئورۇن قۇرۇشنى ئېچىۋېتىش» ئارقىىق ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىختىساسلىقلىرى، پەن-تېخنىكىسى ۋە كاپىتالى قاتارلىق بايلىقلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىپ، «ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا، دەسمايە ۋە مۇلازىمەت» قاتارلىق تۆتى بىر گەۋدە قىلىنغان پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر