باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دېڭىز يىپەك يولى يېڭى ئەلچىسى («بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ بەش يىللىقىدا)

-- دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كونتېينېر يۈك پاراخوتى «جۇڭگو يىراق دېڭىز تىرانسپورتى مىزان يۇلتۇز تۈركۈمى» ناملىق سودا پاراخوتىنىڭ تۇنجى قېتىم قاتنىشىنىڭ خاتىرىسى

2018.08.15 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، «يىراق دېڭىز تىرانسپورتى مىزان يۇلتۇز تۈركۈمى» ناملىق كونتېينېر يۈك پاراخوتى (قىسقارتىلىپ «مىزان يۇلتۇز تۈركۈمى» پاراخوتى دېيىلىدۇ) دۆلەت ئىچىدىن يولغا چىقىپ، يىراق شەرقتىن غەربىي شىمال ياۋروپا لىنىيەسىگىچە بولغان تۇنجى قېتىملىق قاتناشنى باشلىدى. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھېسابلىنىدىغان بۇ كونتېينېر يۈك پاراخوتىغا ئىلغار لايىھەلەش قارىشى ۋە ئېسىل ياسىلىش ھۈنەر-سەنئىتى توپلانغان بولۇپ، جۇڭگو سۇ تىرانسپورتىنىڭ «يېشىل سۇ تىرانسپورتى، ئەقىل-پاراسەت سۇ تىرانسپورتى» دېگەن بۇ تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى نامايان قىلىنىشى، ھەمدە شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، ئۇ «دېڭىز يىپەك يولى»نىڭ يېڭى ئەلچىسى بولۇشقا لايىق.

  ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتى %90كە يەتتى

  7- ئاينىڭ 20- كۈنى، «مىزان يۇلتۇز تۈركۈمى» ناملىق پاراخوت تيەنجىندىن باشلاپ تۇنجى قېتىم قاتنىدى. ئۇ، پىلان بويىچە، سىنگاپور پورتى، سۇۋەيش قانىلى، گىرېتسىيە پېيرايېۋس پورتى، گوللاندىيەنىڭ روتتېردام پورتى، گېرمانىيە ھامبۇرگ پورتى ۋە بېلگىيە ئانتۋېرب پورتىدىن ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم روتتېردام پورتىغا بارغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ.

  بۇ پاراخوتنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 400 مېتىر، كەڭلىكى 21 مېتىر بولۇپ، ئەڭ چوڭ چۆكۈش دەرىجىسى 16 مېتىر كېلىدۇ، لايىھەلەنگەن مۇلازىمەت سۈرئىتى 22.5 دېڭىز مىلى/سائەت، ئەڭ چوڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مىقدارى تەخمىنەن 200 مىڭ توننا، ئەڭ چوڭ يۈك ساندۇقى مىقدارى 20 مىڭ 119 دانە ئۆلچەملىك كونتېينېرغا يېتىدۇ. بۇ، جۇڭگو يىراق دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ مۇستەقىل تىجارەت قىلىدىغان، ھەمدە ئۇنىڭ يىراق شەرقتىن غەربىي شىمال ياۋروپا لىنىيەسى ھېسابلىنىدىغان AEU3 لىنىيەسىدىكى ئەڭ يېڭى، ھەم شۇنداقلا دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ كونتېينېر يۈك پاراخوتى ھېسابلىنىدۇ.

  كېمە باشلىقى گۇ مىڭجاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، «مىزان يۇلتۇز تۈركۈمى» ناملىق پاراخوتتا ھازىرغىچە بىر قەدەر ئىلغار بولغان «ئىككى ئارال» لايىھەسى قوللىنىلغان: كابىنكا ۋە تۇرمۇش رايونى بولسا، پاراخوتنىڭ بېشىغا جايلاشقان، قازنىقى پاراخوتنىڭ قۇيرۇقىغا جايلاشقان. كېمە بېشىدا خىزمەت قىلىدىغان ۋە تۇرمۇش كەچۈرىدېغان كېمە خادىملىرى پاراخوت قازنىقىدىن كەلگەن ۋاراڭ-چۇرۇڭ ۋە تەۋرەشنى ھېس قىلالمايدۇ.

  دېمەك، «مىزان يۇلتۇز تۈركۈمى» ناملىق پاراخوت ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ تېخنىكىلىرى ئارقا-ئارقىدىن نامايان قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرى يەنە تېخى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە. ئادەتتە، پاراخوتنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كېمە-پاراخوتلارنىڭ تىريۇمىغا سەپەر جەريانىدا مۇۋاپىق سۇ قاچىلىنىدۇ، بۇ مۇشۇ ساھەدە «باللاست سۇ» دەپ ئاتىلىدۇ. «باللاست سۇ»نى قويۇۋېتىشنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە تۈرلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى ياكى بۇلغىنىشىنى پەيدا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى تەشكىلاتى «باللاست سۇ»نى قويۇپ بېرىشنى قاتتىق چەكلىگەن. «مىزان يۇلتۇز تۈركۈمى» ناملىق پاراخوتتىكى باللاست سۇنى بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلمىسىنى جۇڭگو كارخانىلىرى ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، مەنپىي بېسىم بىلەن سۈمۈرۈش شەكلىدە باللاست سۇنى ئۆزلۈكىدىن چايقاپ ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئالدىن بىر تەرەپ قىلىپ، ئاندىن ئوتتۇرا بېسىملىق ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق دېزىنفېكسىيە قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق دېڭىز سۈيىنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ، مىكروبلارنى ئۆلتۈرىدۇ. بۇ بىر يۈرۈش ھۈنەر- سەنئەتلەر ئارقىلىق چىقىرىلىدىغان چىقىرىندى ماددىلارنىڭ جانلىقلار قويۇقلۇق كۆرسەتكۈچى بولسا، خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەھدىنامىسىدە تەلەپ قىلىنغان 2−D قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «مىزان يۇلتۇز تۈركۈمى» ناملىق پاراخوتنىڭ ئېلىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىش نىسبىتى %90كە يەتكەن بولۇپ، بۇ يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ كېمە-پاراخوت ياساش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى نامايان قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر