- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گەنسۇ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش نوپۇس-بايلىق-مۇھىت كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جىچۈەن قولغا ئېلىندى
2018.08.14 14:37 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سىياسىي كېڭەش گەنسۇ ئۆلكىلىك كومىتېتى نوپۇس - بايلىق - مۇھىت كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جىچۈەن (نازىر دەرىجىلىك) نىڭ پارا ئېلىش دېلوسى گەنسۇ ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈش ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، تەپتىش ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەندى. يېقىندا، گەنسۇ ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاڭ جىچۈەننى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى. بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىر تەرەپ قىلىنماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر