باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگوچە رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى يېڭى زېلاندىيەدە ئۆتكۈزۈلدى

2018.08.10 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى زېلاندىيە گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو سۇجۇ جۇڭگوچە رەسىم جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «يېڭى ۋۇمېن رەسىم ئېقىمى − سۇجۇ جۇڭگوچە رەسىم جەمئىيىتى جۇڭگوچە رەسىم كۆرگەزمىسى (يېڭى زېلاندىيە سەييارە كۆرگەزمىسى) يېقىندا ئوكلاند شەھەر رايونى مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە سۇجۇ جۇڭگوچە رەسىم جەمئىيىتىدىكى 15 رەسسامنىڭ 60 پارچە ئەسىرى كۆرگەزمە قىلىندى. ئوكلاندتىكى مۇھاجىرلار باشلىقى، سودا-سانائەت ساھەسىدىكى شەخسلەر، يېڭى زېلاندىيە جۇڭگوچە رەسىم ھەۋەسكارلىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 200دىن ئارتۇق ئادەم كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

  سۇجۇ جۇڭگوچە رەسىم ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇدىرى لىيۇ جىيا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم يېڭى زېلاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سەييارە كۆرگەزمىنىڭ مەقسىتى بولسا، يېڭى زېلاندىيە تاماشىبىنلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى جۇڭگوچە رەسىم سەنئىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر