باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشىدە شانلىق سەھىپە پۈتۈپ، يېڭى دەۋردە ئىگىلىك تىكلەپ تۆھپە يارىتىش

  ـــ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس ۋە ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرىنى بېيدەيخېغا دەم ئېلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

2018.08.09 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈر يولىنى كۆرگۈم بار، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مېنى ئويلىدى. بۇ مىنىڭ 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ئاز ساندىكى بىر قېتىم دەم ئېلىشىم بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ يېڭى ماتېرىيال ۋە بىيو پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى داڭلىق ئاكادېمىك ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن تەستە كەلگەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى بولدى».... مۇتەخەسسىسلەر بېيدەيخېغا كېلىپ، قەلبىدە چەكسىز مىننەتدارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولدى.

  8- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 8- كۈنىگىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 62 نەپەر مۇتەخەسسىس بېيدەيخېغا كېلىپ يازلىق دەم ئېلىش قىلدى. 2001- يىلىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملارنى 18 تۈركۈمدە 1000دىن ئارتۇق قېتىم يازدا دەم ئېلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى.بۇ قېتىم تەكلىپ قىلىنغان دەم ئېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەممىسى ھەر قايسى ساھەلەردە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئىختىساسلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەسىپلىرى ئادەملىك ئالەم قاتنىشى، چىڭخەي – شىزاڭ تۆمۈريولى، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈنئىي ھەمراھ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ئىشلىرى، بىيو دورا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار يادرولۇق تېخنىكىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھەم خەلق تۇرمۇشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

  دۆلەتكە بولغان يۈكسەك مۇھەببىتىنى چوقۇم ئىسسىق قېنىنى تۆكۈپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ۋە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېزىشى لازىم، مۇھىم يادرولۇق تېخنىكلارغا تېزدىن ھۇجۇم قىلىش لازىم... بېيدەيخېنىڭ بىپايانلىقى، دەم ئېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قايناق ھېسسىياتىنى ۋە تېخىمۇ جانلىق ئىدىيەسىنى قوزغىدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى دەۋردە مەسئۇلىيەتچان بولۇش كېرەك، چۈنكى، ئىچكى-تاشقى يېڭى ۋەزىيەت ئالدىدا، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش لازىم، ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردە ئىگىلىك تىكلەپ تۆھپە يارىتىش لازىم.

  ۋەتەنگە سەمىمىي سادىق بولۇش، چەكسىز غەمخورلۇق قىلىش ۋە قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت

  چۇ جىنپىڭ مۇنۇلارنى دېدى: مەن يېزىدىن چىققان ئاكادېمىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ ئۇلۇغ دەۋرگە ئىنتايىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، 1977- يىلى جەنۇبىي جۇڭگو تەبىئىي پەن-سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئوقۇشقا كىرگەن ئىدىم. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو تەبىئىي پەن - سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى ماتېرىيال پىششىقلاپ ئىشلەش قۇرۇلۇشىنىڭ پەن باشلامچىسى، پولىمېر يېڭىچە شەكىلگە كەلتۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى دۆلەتلىك قۇرۇلۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولدۇم، مەن يۇقىرى مولېكۇلالىق ماتېرىيال پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، ياسىمىچىلىق بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم.

  يېقىندىن بۇيان، مەركىزىي تەشكىلات مىنىستىرلىقى ۋە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات مىنىستىرلىقى «كەڭ زىيالىيلار ئىچىدە ‹ۋەتەننى سۆيۈش، كۈرەش قىلىش، يېڭى دەۋرگە تۆھپە يارىتىش روھىنى جارى قىلدۇرۇش› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى، ھەمدە پائالىيەت ئورۇنلاشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي تەشكىلات مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى چېن شى بېيدەيخېدا دەم ئېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنى يوقلاپ، ئۇلاردىن ھال سورىغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەڭ مۇتەخەسسىس ۋە ئىختىساسلىقلار «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆتتە ئۆزىگە ئىشىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ساقلاش كېرەك. «ۋەتەننى سۆيۈش ۋە كۈرەش قىلىش» دېگەن بۇ سۆز ھازىر دەم ئېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر