- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتى
2–پەسىلدە ھەر ئايدا يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانا 600 مىڭدىن ئاشتى
2018.08.09 13:53 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 7-چېسلا «2018-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى بازار مۇھىتى ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەھلىل»نى ئېلان قىلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، دۆلىتىمىزدە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان بازار سۇبيېكتى ئائىلىسى 9 مىليون 983 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.5 ئاشتى، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 55 مىڭ 200 يېڭى بازار سۇبيېكتى تەسىس قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى قۇرۇلغان كارخانا 3 مىليون 274 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.5 ئېشىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 18 مىڭ 100 كارخانا يېڭىدىن تەسىس قىلىندى. بولۇپمۇ 2-پەسىلدىن بۇيان، ئاۋامنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى، 4-ئايدىن 6-ئايغىچە ھەر ئايدا يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانا 600 مىڭدىن ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى.
يېڭى بازار سۇبيېكتلىرى تېز سۈرئەتتە ئېشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. ئۈچ كەسىپ بويىچە ئايرىغاندا، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۆرلىدى، يېڭى قۇرۇلغان كارخانا 2 مىليون 614 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.3 ئېشىپ، 2017-يىللىق ئېشىش سۈرئىتى %7.5 كە سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك ئۆستى؛ ئىككىنچى كەسىپ داۋاملىق تېز ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.7 ئاشتى. يېڭى ئىقتىسادىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا، يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇلازىمەت كەسپى داۋاملىق تېز ئاشتى، سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەت، مائارىپ، ئىلمىي تەتقىقات ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەر ئايرىم - ئايرىم %50.0، %45.5، %24.3 ئاشتى. ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانا 569 مىڭ بولۇپ، %19.9 ئاشتى. نۇقتىلىق ساھەلەردىن قارىغاندا، ياسىمىچىلىق كەسپى بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى 1-پەسىلدە %1.9 تۆۋەنلەشتىن 2-پەسىلدىكى %1.9 ئېشىشقا يۈزلەندى. پۇل مۇئامىلە كارخانىلارنىڭ داۋاملىق مەنپىي ئېشىپ، %4.4 تۆۋەنلىدى؛ ئۆي - زېمىن كەسپى بىر قەدەر تېز ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ، %20.6 ئۆستى.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا بازار سۇبيېكتى ئومۇمىي مىقدارى 100 مىليوندىن ئېشىپ، بەلگە خاراكتېرلىك يۇقىرى نۇقتىغا ئۆرلەپ، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 103 مىليونغا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، كارخانا 32 مىليون 315 مىڭغا يېتىپ، %31.4ىنى ئىگىلىدى. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى مەملىكەت نوپۇسى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 1000 كىشىگە توغرا كېلىدىغان بازار سۇبىيكتى 74.09، ھەر 1000 كىشىگە توغرا كېلىدىغان كارخانا 23.25غا يەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر