باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بالىلار كارىۋىتىنىڭ بىخەتەرلىك رېشاتكىسىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇقراقى ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشى ئېنىق بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن قايتۇرۇپ كېلىندى

2018.08.08 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، جۇڭشەن شەھىرى يىڭيۆ بالىلار بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى ئۇ خىل ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش پىلانىنى دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇردى. دېمەك، شۇ كۈندىن باشلاپ، 2017- يىلى 3- ئايدىن 2018- يىلى 6- ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ياسالغان بالىلار كارىۋىتىنىڭ بىخەتەرلىك رېشاتكىسىدىن قىسمەن رېشاتكىلار قايتۇرۇپ كېلىنىدىكەن. ئۇلار CHL-01، YY-C03، YY-C06 قاتارلىق تىپلاردىكى رېشاتكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇ ماللارنىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى رايونىدا تەسىرگە ئۇچرىغان سانى 105 مىڭ 324كە يېتىدىكەن.

  مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىۋېلىش بۇيرۇقى دائىرىسىدىكى بالىلار كارىۋىتى بىخەتەرلىك رېشاتكىسىنىڭ ئىشلىتىلىش چۈشەندۈرۈشىدە، ئېنىق ئۇقتۇرۇپ قويماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت بولغاچقا، ئىستېمالچىلار ئۇلارنى ئىشلىتىش جەريانىدا، بەزى ئىنچىكە ھالدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە سەل قارىشى مۇمكىن، يەنە تېخى بەزى ئالاھىدە شارائىتلاردا، ئۇ ماللار بالىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشتەك نامۇۋاپىق تەرىپىمۇ مەۋجۇت ئىكەن. بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭشەن شەھىرى يىڭيۆ بالىلار بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى ئۆز دائىرىسىدىكى بالىلار كارىۋىتى بىخەتەرلىك رېشاتكىسىنى يىغىۋېلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ، ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ھەقسىز ھالدا ئىشلىتىش چۈشەندۈرمىسىنى يېڭىلاپ بېرىدىغانلىقىنى، ھەمدە شىركەتنىڭ ئورگان تورى، مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ۋە سودىگەرلىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىستېمالچىلارغا بىخەتەر ئىشلىتىش كۆرسەتمە تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر