باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئالىملىرى بىرىكمە بىئولوگىيە ساھەسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلدى

دۇنيادىكى تۇنجى سۈنئىي يەككە خروموسوم ھەقىقىي يادرولۇق ھۈجەيرە دۇنياغا كەلدى (كود يېشىش-بايقاش)

بۇ، ئىنسانلار ھۈجەيرىسىنىڭ زەئىپلىشىپ قېرىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشتا ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ

2018.08.07 08:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى مولېكۇلا ئۆسۈملۈك ئىلمى ئالاھىدە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى (ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيەسى ۋە ئېكولوگىيەسى تەتقىقات ئورنى)نىڭ بىرىكمە بىئولوگىيە نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدىكى تەن جۇڭجۈن تەتقىقات كوللېكتىپى ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرى تۆت يىل تىرىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، خەلقئارادا تۇنجى بولۇپ سۈنئىي ئۇسۇلدا يەككە خروموسوم ھەقىقىي يادرولۇق ھۈجەيرىنى بەرپا قىلدى، بۇ، بىرىكمە بىئولوگىيەسىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە زور بۆسۈش بولدى.

  بۇ تەتقىقات نەتىجىسى بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاۋغۇست توردا خەلقئارادىكى داڭلىق ئىلمىي ژۇرنال «تەبىئەت»تە ئېلان قىلىندى.

  بۇ قېتىم، تەن جۇڭجۈننىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنى ئاساس قىلغان تەتقىقات ئۆمىكى تاق ھۈجەيرىلىك ھەقىقىي يادرولۇق جانلىقلار __ ھاراق ئېچىتقۇچى فېرمېنتنىڭ تەبىئىي 16 تال خروموسومىدا سۈنئىي ئۇسۇلدا مۇكەممەل ئىقتىدارغا ئىگە يەككە تال خروموسومنى بەرپا قىلدى. بۇ تۈر خىزمىتى شۇنى كۆرسەتتىكى، تەبىئىي مۇرەككەپ ھاياتلىق سىستېمىسى سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاددىيلىققا ئۆزگىرەلەيدۇ، تەبىئىي ھاياتلىقنىڭ چېكىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا بۇزۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ، ھەتتا يېڭى بولغان، بۇ تەبىئەت دۇنياسىدا مەۋجۇت بولمىغان ھاياتلىقنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ياراتقىلى بولىدۇ.

  تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۇزاق تەدرىجىي تەرەققىياتى جەريانىدا، ئوخشاش بولمىغان ھاياتلىقلار تەدرىجىي ھالدا ئۆزىگە خاس گېن گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈرگەن، جۈملىدىن نىسبەتەن بىر قەدەر مۇقىم بولغان DNA تەرتىپى ۋە مۇقىم بولغان خروموسوم سانىدىن ئىبارەت. خروموسومدا ھاياتلىقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە كۆپىيىش ئىرسىيەت ئۇچۇرى بار بولىدۇ. بىئولوگىيە دەرىسلىكىدە تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىقلار ئىپتىدائىي يادرولۇق جانلىقلار بىلەن ھەقىقىي يادرولۇق جانلىقلار دەپ ئايرىلىدۇ. خروموسوم ئېچىلىپ قالغان، يادرولۇق پەردە بىلەن ئورالمىغان ئىپتىدائىي يادرولۇق جانلىقلارنىڭ ئادەتتە تەركىبىدە ئايلانما تىپ قۇرۇلمىلىق بىر تال خروموسوم بولىدۇ. خروموسومنىڭ ھۈجەيرە يادروسى يادرو پەردىسى تەرىپىدىن قاپلانغان ھەقىقىي يادرولۇق جانلىقلاردا ئادەتتە تەركىبىدە يىپسىمان تۈزۈلۈشتىكى ئىككىدىن ئارتۇق خروموسوم بولىدۇ.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ھاراق ئېچىتقۇچى فېرمېنت ئادەتتە يەنە خروموسومنىڭ بىنورمال بولۇشىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ئاساس، ئۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم گېنى 23 جۈپ خروموسومغا ئىگە ئىنسانلارنىڭ گېنى بىلەن ئوخشاش مەنبەلىك. تەن جۇڭجۈن كوللېكتىپى بەرپا قىلغان يەككە يىپلىق خروموسوملۇق ئېچىتقۇ كەلگۈسىدە بەلكىم كۆپلىگەن تەتقىقات تېمىسىنى تەتقىق قىلىش ئاساسى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە ئىنسانلارنىڭ تېلومېر ئىقتىدارى تەتقىقاتى ۋە ھۈجەيرىنىڭ قېرىش تەتقىقاتىنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر