باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئىستېمالچىلارغا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى

توردا مال سېتىۋالغاندىكى سودا ئۇچۇرلىرىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۇلارنى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا دەلىل-ئىسپات قىلىش كېرەك

2018.08.03 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىدىن ئىگىلىنىشچە، مەملىكەتلىك 12315 ئالاقە تور سۇپىسىنىڭ ئەرز قىلىش ۋە پاش قىلىشقا ئائىت ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، توردا مال سېتىۋېلىش تۈردىكى ئىستېمالغا ئائىت ئەرزلەرنىڭ مىقدارى ئۆرلىمەكتە، ھەمدە ئەرز قىلىش ئوبيېكتىنىڭ مەزمۇنى كۆپىنچىسى ئېلانلار، مال سۈپىتى ۋە تاۋار ماركىسى قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، توردا نەرسە سېتىۋالىدىغان ئىستېمالچىلارغا قارىتا جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى:

  مال سېتىۋېلىش سۇپىسىنى تاللىغاندا ئېھتىياتچان بولۇپ، ئىستېمالدا ئاقىلانە ئىش قىلىش كېرەك. ئىستېمالچىلار ئەگەر توردا نەرسە-كېرەك سېتىۋالماقچى ۋە مۇلازىمەتنى تاللىماقچى بولسا، ئالدى بىلەن توردا مال سېتىۋېلىش سۇپىسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاپ، ئىمكانقەدەر مۇنتىزىم سۇپىنى ۋە ئىناۋەت دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ساتقۇچىنى تاللاش كېرەك. ئۇنىڭدىن قالسا، توردا تاۋار سېتىۋالغاندا، سۇپىلارنى كۆپرەك تاللاپ، سېتىۋالماقچى بولغان تاۋارلارنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشلىرى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەپ، مال سېتىۋېلىش تۇزىقىغا كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  ئىسپاتلىق تالونلارنى ساقلاپ قويغاندا، ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداشقا پايدىلىق. ئىستېمالچىلار توردىن مال سېتىۋالغاندا، مال سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ تەپسىلىي قائىدىسى، تاۋار تەشۋىقات سۈرەتلىرى، تاۋار زاكاز قىلىش تالونلىرى بەتلىرى، پاراڭلىشىش خاتىرىسى ۋە ئەشيا ئوبوروتى خاتىرىسى قاتارلىق توردا مال سېتىۋېلىش ئۇچۇرلىرىنى ساقلاپ قويۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىستېمالچىلار ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشتا دەلىل-ئىسپاتلار بولۇپ قالىدۇ.

  مال تاپشۇرۇۋالغاندا، تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىمزا قويۇش كېرەك. ئىستېمالچىلار تاۋارنى تاپشۇرۇۋالغاندا، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، تاپشۇرۇپ ئالغان ئەمەلىي تاۋار تورىنىڭ رەسىم ۋە تەشۋىقات ئۇچۇرلىرى بىلەن ئوخشاش بولغان ياكى ئوخشاش بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، تاۋاردا مەسىلە چىقمىغاندىن كېيىن ئاندىن ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇپ ئېلىش كېرەك.

  ھوقۇقنى ئېنىقلاپ، ھوقۇق-مەنپەئەتنى ئاكتىپ قوغداش كېرەك. ئىستېمالچىلار توردا مال سېتىۋالغاندىن كېيىن، يەتتە كۈن ئىچىدە مالنى سەۋەبسىز قايتۇرۇۋېتىش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ، توردا تاۋار ساتقۇچىلار يەتتە كۈن ئىچىدە مالنى سەۋەبسىز يىغىۋېلىش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر