- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى «پىندودو»نىڭ ھوقۇققا چېقىلىش ساختا تاۋار قاتارلىق مەسىلىلىرى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، دېدى
2018.08.02 16:30 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تور نازارەتچىلىكى مەھكىمىسى 1-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىنكاس قىلغان پىندودو سۇپىسىدا ھوقۇققا چېقىلىپ ساختا تاۋار سېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شاڭخەي شەھەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سۇپا تىجارەتچىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشىنى تەلەپ قىلدۇق ھەمدە شاڭخەي شەھىرى ۋە باشقا ئالاقىدار يەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىنكاس قىلغان ھەمدە ئىستېمالچىلار، تاۋار ماركىسى ھوقۇق ئىگىسى ئەرز قىلىپ پاش قىلغان پىندودو سۇپىسىدا ساختا مەھسۇلات سېتىش، داڭلىق ماركىغا بېقىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدۇق، مەيلى 3-تەرەپ سۇپىسى ياكى سۇپا تىجارەتچىلىرى بولسۇن، قانۇنغا خىلاپ بولسىلا، ھەممىسى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر