باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى» (مەن ۋە جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى)

− ئۇكرائىنا «ھەپتىلىك ئەينەك گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى ئالېكسېيېۋ كوۋالىنى زىيارەت

2018.08.02 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇكرائىنا «ھەپتىلىك ئەينەك گېزىتى»نىڭ نوپۇزلۇق مۇخبىرى ئالېكسېيېۋ كوۋالى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە ئوكرائىنا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ئۇزۇن مۇددەت دىققەت قىلىپ كەلگەن. كۆپ يىللاردىن بۇيان، كوۋالى ھەر يىلى دېگۈدەك جۇڭگونى بىر-ئىككى قېتىم زىيارەت قىلىدۇ، ئۇ ئىلگىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى زىيارەت قىلىشقا ئۈچ قېتىم قاتناشقان، ئىككى قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ، جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىنى خەۋەر قىلىشقا قاتناشقان بولۇپ، ئۇكرائىنانىڭ خەنزۇشۇناسلىق ساھەسىدىكى داڭلىق «جۇڭگوشۇناس»ى.

  1978-يىلى، ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى مەسىلىسى توغرىسىدىكى بىر مەيدان كەڭ مۇزاكىرە جۇڭگونى قاپلىدى. «ئەمەلىيەت − ھەقىقەتنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم»، بۇ بىر جۈملە ھېكمەتلىك سۆز كوۋالىغا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتەك ئىدىيەۋى لۇشيەننى قايتىدىن تۇرغۇزغاچقا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات يولىنى ئىزدىنىپ تاپتى.

  كوۋالى: «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگوغا غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى ھەمدە دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى»، دېدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو مەيلى ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدار جەھەتتە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ياكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە بولسۇن، ھەممىسىدە كىشىنى قايىل قىلىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو ھەر قايسى ساھەلەردە دۇنياغا تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە پۇرسەتلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل- پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى بويىچە تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر