باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاپەتتىن كېيىنكى سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئاجىز ھالقىلىرىدىكى قۇرۇلۇشلارغا قارىتا مەركەز مالىيەسى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇردى

2018.08.02 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىلى، مەركەز مالىيەسى سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، 23 مىليارد 297 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، جايلارنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئاجىز ھالقىلىرىدىكى قۇرۇلۇشلارنى تېزلىتىشكە مەدەت بەردى. ئۇ مەبلەغلەر 2017- يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، %8.4 ئاشتى.

  گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «ئاپەتتىن كېيىنكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئاجىز ھالقىلىرى ۋە شەھەرنىڭ سۇ چىقىرىش ۋە ھۆلچىلىكتىن ساقلىنىش جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش ھەرىكەت لايىھەسى»گە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. 2017- يىلى مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە باشقا ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلار «ئاپەتتىن كېيىنكى سۇچىلىق ئىشلىرىدا ئاجىزلاشقان ھالقىلاردىكى قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بىرلىشىپ بېسىپ تارقاتتى، ھەمدە مەركەز مالىيەسىنىڭ سۇچىلىق تەرەققىياتىغا ئاتىغان مەبلىغى ئارقىلىق، يەرلىكنىڭ ئالاقىدار تۈر قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەرمەكچى بولدى. بۇ يىل، مەركەز مالىيەسى سېلىنما سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئوتتۇرا ۋە كىچىك دەريا ئېقىنلىرىنى تۈزەش، كىچىك تىپتىكى خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىش ۋە پۇختىلاشنى قوللىماقچى، ھەمدە يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويماقچى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر