باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاڭچۇن چاڭشېڭ شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى قاتارلىق 18 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاشقا ئىلتىماس سۇنۇلدى

2018.07.30 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-ئىيۇل، چاڭچۈن يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ج خ تارماق ئىدارىسى ناچار دورا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتىگە چېتىلىش سەۋەبلىك، چاڭچۇن چاڭشېڭ بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى گاۋX قاتارلىق 18 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىش توغرىسىدا تەپتىش ئورگىنىغا قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش ئىلتىماسىنى سۇندى.

  7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن بۇيان، ج خ ئورگانلىرىنىڭ رازۋېدكا قىلىپ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، چاڭچۇن چاڭشېڭ بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئادەمگە ئىشلىتىلىدىغان توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان غالجىرلىق كېسىلى ۋاكسىنىسىنى ئىشلەپچىقىرىشتا قانۇنغا خىلاپ جىنايەت پاكىتى بارلىقى ئاساسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى. 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 79-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، چاڭچۈن يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ج خ تارماق ئىدارىسى ناچار دورا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى بىلەن چاڭچۇن چاڭشېڭ بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى گاۋX قاتارلىق 18 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىش توغرىسىدا تەپتىش ئورگىنىغا قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش ئىلتىماسى سۇندى. نۆۋەتتە، دېلونى سوت قىلىش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر