باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگو تەرەپنىڭ پۇل قىممىتىنى رىقابەتلىك چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئېكسپورتقا تۈرتكە بولۇش ئويى يوقلىقىنى بىلدۈردى

2018.07.24 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 7-ئاينىڭ 23 ـ كۈنى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو تەرەپ خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلىۋالدى، دەپ ئەيىبلىشى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپنىڭ پۇل قىممىتىنى رىقابەتلىك چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئېكسپورتقا تەسىر كۆرسىتىش ئويى يوق.

  شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: يېقىندا ئامېرىكا تەرەپ خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشۈش ۋەزىيىتىنى يېقىندىن نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، جۇڭگو تەرەپ خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى. سىز بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس بىلدۈرۈسىز؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئاساسلىقى بازارنىڭ تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ، بەزىدە ئاشىدۇ، بەزىدە تۆۋەنلەيدۇ، قوش يۆنىلىشتە داۋالغۇيدۇ. نۆۋەتتە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ئۇدا ياخشى بولۇپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. «جۇڭگو تەرەپنىڭ پۇل قىممىتىنى رىقابەتلىك چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئېكسپورتقا تەسىر كۆرسىتىش ئويى يوق، بۇ، جۇڭگونىڭ ئىزچىل مەيدانى».

  يەنە بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: ئامېرىكا جۇڭگونىڭ 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىمپورت تاۋارلىرىدىن تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ تەتۈرلۈك قىلىپ سودا ئۇرۇشى قىلىشىغا قارىتا، جۇڭگو تەرەپنىڭ «سودا ئۇرۇشى قىلىشنى خالىماسلىق، سودا ئۇرۇشى قىلىشتىن قورقماسلىق، زۆرۈر تېپىلغاندا سودا ئۇرۇشى قىلماي قويماسلىق» مەيدانى ناھايىتى قەتئىي، ئېنىق.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو چوڭدىن قورقۇپ قالمايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئىقتىدارى، ئىشەنچىسى بار. بىز ئامېرىكا تەرەپنى ئېغىر بېسىق بولۇپ، ئاقىلانە پوزىتسىيە ئارقىلىق ئالاقىدار مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر