باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %90تىن ئاشتى

2018.07.17 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «2018- يىللىق جۇڭگو ئالىي كەسپىي مائارىپ سۈپىتى يىللىق دوكلاتى» يېقىندا بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017- يىللىق ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ يېرىم يىلدىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %92.1گە يەتكەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 3860 يۈەندىن توغرا كەلگەن.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017- يىلى ئالىي كەسپىي مائارىپتا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى ھالەت نامايان قىلىنىپ، «كەسپىي تىرەك + كەسىپ بىلەن يۆلەش» ۋە «ئۆمەك شەكلىدىكى نامراتلارنى يۆلەش» دېگەندەك ئۆزگىچە ئەندىزە شەكىللەنگەن. مەكتەپلەر بىلەن كەنتلەر ھەمكارلىشىش، مەكتەپلەر بىلەن بازارلار ھەمكارلىشىشتەك ئۇسۇللار يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندى، بىر تۈركۈم ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەر شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىنىڭ يېڭىچە يەر بەلگىسى بولۇپ قالماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە، 2017- يىلى، 250 نەچچە ئالىي كەسپىي مەكتەپنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان 1000 كەسپىي نۇقتىسى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن 40 مىڭ نەپەر تېخنىكا ماھارەت ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلىگەن؛ مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلاردىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپلىرىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىچىدە، 820 مىڭ ئوقۇغۇچى شۇ جايدا قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر