باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو غەربىي رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماركسىزم نەزەرىيەسى 3- نۆۋەتلىك مۇنبەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2018.07.16 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 14- كۈنى، جۇڭگو غەربىي رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماركسىزم نەزەرىيەسى 3- نۆۋەتلىك مۇنبەر يىغىنى لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  مۇنبەردە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى « ئۈچ كىرىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، غەربىي رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماركسىزم ئىنستىتۇتىنىڭ ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنى بەرپا قىلىش، غەربىي رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماركسىزم نەزەرىيەسى پەنلىرىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار مەقسەت قىلىنغان.

  بۇ مۇنبەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىدىيەۋى، سىياسىي تەربىيە خىزمىتى تەتقىقات ئاكادېمىيەسى رەسمىي قۇرۇلدى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى، سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە غەربىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەملىكەت بويىچە 65 ئالىي مەكتەپنىڭ ماركسىزملىق نەزەرىيە پەنلىرىدىكى 162 مۇتەخەسسىس، ئالىم ۋە تايانچ ئوقۇتقۇچىلار بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر