باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇشتا ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان تۇنجى يېڭى دورا تەستىقلاندى

2018.07.13 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، دۆلىتىمىزدە ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇشتا ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇنجى يېڭى دورا، يەنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئوكۇل ئەيبۇۋايتاي دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈپ بازارغا سېلىندى. بۇ دورا دۇنيا بويىچە ئەيدىز كېسەللىكىگە تاقابىل تۇرۇشتا ئۇزاق ئۈنۈملۈك ۋە بىرلەشمە چەكلىگۈچى تۇنجى دورا بولۇپ، ئۇ پۈتكۈل دۇنيادا ئەسلىي ئىجاد قىلىش خاراكتېرىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە دورا ھېسابلىنىدۇ.

  ئەيدىز كېسىلى بولسا، ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدىكى زور يۇقۇملۇق كېسەلدۇر. دورىلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش مەركىزىنىڭ باش باھالاش خادىمى ۋە دورا كىلىنىكىسى ئىككىنچى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بېرى، ئېلىمىزدە ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش دورىسىنىڭ ھەممىسى ئىمپورت قىلىنغان دورىلار بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇشتا تېخى ھازىرغىچە ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى دورا يوق، لېكىن، كىلىنىكىدا ئەيدىز كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ يېڭى دورىسىغا بولغان ئېھتىياج كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ.

  2017- يىلى 12- ئايدا، ئەسلىدىكى دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئېلان قىلىپ يولغا قويغان «دورا ياساشتىكى يېڭىلىق يارىتىشتا ئالدىن باھالاش-تەستىقلاشنى يولغا قويۇشنى رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»دە مۇنداق دېيىلگەن ئىدى: ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورىلارنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا، ئەيبۇۋايتاينى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. دورىلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئەيبۇۋايتاينىڭ بازارغا سېلىنىشى، ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ يېڭى دورىسىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇمۇ ئەيدىزنى داۋالاش دورىلىرىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ باھالاش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر