باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەر ئارا يۇقىرى قاتلاملىق سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئافرىقا ھەققىدىكى مەخسۇس تېما يىغىنى تانزانىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

2018.07.13 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەر ئارا يۇقىرى قاتلاملىق سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئافرىقا ھەققىدىكى مەخسۇس تېما يىغىنى 12- ئىيۇلدىن 18- ئىيۇلغىچە تانزانىيە دارېسسالامدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىندا «جۇڭگو-ئافرىقا سىياسىي پارتىيەلىرى پائال تۈردە دۆلەتلەر ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىيات يولىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش» باش تېما قىلىنىپ، ئافرىقىدىكى 40 پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتنىشىدۇ.

  بۇ قېتىمقى مەخسۇس يىغىن بولسا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى 12- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيانىڭ سىياسىي پارتىيەلىرى ئارا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان سۆھبەت يىغىنى مېخانىزمى تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا پائال ماسلىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر