باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا دورا بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى

چېگرا سىرتىدىكى يېڭى دورىلارنىڭ بازارغا سېلىنىشى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى

2018.07.12 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن ئۇقۇشىمچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە دورا بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىپ، چېگرا سىرتىدىكى يېڭى دورىلارنىڭ بازارغا سېلىنىشى كۆرۈنەرلىك تېزلىشىپ، توققۇز ۋالېنتلىق ئەمچەك توپچىسىسىمان ئۆسمىسى ۋىرۇسى (HPV) ۋاكسىنىسى، سۇئولىنبۇۋېي مۇرەككەپ ياسالمىسى، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى داۋالايدىغان PD—1 ئانتىتېلا دورا نىۋولۇماب ئوكۇلى قاتارلىق چېگرا سىرتىدىكى نۇرغۇن يېڭى دورىلارنىڭ بازارغا سېلىنىشى تەستىقلانغان.

  دورىلارنى باھالاپ، تەستىقلاش ۋاقتى يەنىمۇ قىسقىراپ، باھالاشنى كۈتۈۋاتقان دورىلارنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى 2015-يىلى ئەڭ كۆپ بولغاندىكى 22 مىڭدىن 3200گە ئازلىغان. يېڭىلىق يارىتىش دورىلىرى ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى باھالاش، تەستىقلاش يەنىمۇ تېزلىشىپ، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 29 تۈركۈمدىكى 597 دورىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى ئالدىن باھالاپ تەستىقلىنىپ، 39 يېڭىلىق يارىتىش داۋالاش ئۈسكۈنىسى ۋە تۆت ئالدىن تەستىقلىنىدىغان داۋالاش ئۈسكۈنىسى مەھسۇلاتى تەكشۈرۈپ تەستىقلانغان.

  ئۇنىڭدىن باشقا، بازارغا سېلىش ئىجازىتى ئىگىدارلىقى تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كەڭ قانات يايدۇرۇلغان. نۇقتىدا سىناق قىلىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان 178 تۈرنىڭ كىلىنىكىلىق سىناق ئىلتىماسى، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان 118 تۈرنىڭ بازارغا سېلىش ۋە تولۇقلىما ئىلتىماسى تەستىقلىنىپ، دورىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغاپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، قايتا قۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئازلىتىپ، دورىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينىغان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر