باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى %9.4 ئازايدى

2018.07.12 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 6- ئايدىكى مەملىكەت بويىچە «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» مەزگىلىدە، مەملىكەتتىكى تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %6 ۋە %7.5 تۆۋەنلىدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەتتىكى تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %9.4 ۋە %7.9 تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئايرىم-ئايرىم ھالد %46.7 ۋە %56.4 تۆۋەنلىدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئۇدا يەتتە يىل تۆۋەنلەپ، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى، قازا قىلغانلارنىڭ سانى، چېتىلىدىغان ساھەلەر ۋە رايونلار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە، 2001- يىلىدىن بۇيان ئەڭ ئاز بولغان، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى مۇقىم ۋە ياخشى بولغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر