باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىملار مەكتەپ قورۇسىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى باشلاندى

2018.07.12 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- ئىيۇل، «ياشلار ساداسى» ناملىق سۇپىدا جۇڭگو ئالىملىرى مەكتەپ قورۇسىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سەپىرىنىڭ جامائەت پاراۋانلىق پائالىيىتى بېيجىڭدا باشلاندى، تۇنجى مەيدان پائالىيەت جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  «ياشلار ساداسى» ناملىق سۇپىدا جۇڭگو ئالىملىرى مەكتەپ قورۇسىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى بولسا، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تور تېلېۋىزىيەسى مەركىزى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىلىم-پەن تارقىتىش ئىدارىسى ۋە جۇڭگو پەن-تېخنىكا سارىيى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە تەشەببۇس قىلغان، ھەمدە «ئىلمىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش» باش تېما قىلىنغان بىر پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ پائالىيەت بىر يىل داۋاملىشىدۇ. بۇنىڭدا، ئېلىمىزنىڭ ئالىملىرىنى ئالىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى لېكسىيە سۆزلىگۈزۈش، ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىش ۋە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، «ياشلار ساداسى» قاتارلىق بۇ يېڭى ئاخبارات ۋاستىلىرى سۇپىسىدا ئەھۋاللارنى نەق مەيداندىن كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىپ، مەملىكەتتىكى كەڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىلم-پەن ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، ئىلىم-پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر