سۈرەتتە: 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە ئېلىنغان لۇجيازۈي مەنزىرىسى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ 40 يىللىق مۇساپىسىدە، شاڭخەي پۇدۇڭ رايونىنى ئېچىش بىر شانلىق سەھىپە بولۇپ قالدى. 1990-يىلىدىن باشلانغان 28 يىلدىن بۇيان، ئىلگىرىكى ئېتىزلىقلار ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان لۇجيازۈي خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلاندى، مەملىكەت بويىچە نەچچە ئون «بىرىنچى»لار پۇدۇڭدا مەيدانغا كەلدى: تۇنجى باجدىن خالىي رايون — تاشقى كۆۋرۈك باجدىن خالىي رايونى، تۇنجى ئەركىن سودا رايونى — جۇڭگو (شاڭخەي) ئەركىن سودا سىناق رايونى، تۇنجى «رايون- پورت بىر گەۋدىلەشكەن» باجدىن خالىي پورت رايونى — ياڭشەن باجدىن خالىي پورت رايونى... بۈگۈنكى كۈندە، پۇدۇڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئاللىقاچان ئېچىش- ئېچىۋېتىش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 6 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 1 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 160 ھەسسە ئاشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى