باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىدا ئىلگىرىلەش

  ـــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشلار ۋە ياشلار خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

2018.06.26 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياشلىق كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل بىر قىسمى، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر تىلدىكى ئەڭ تەسىرلىك سۆز. ياشلار دۆلەتنىڭ كېلەچىكى ۋە مىللەتنىڭ ئۈمىدى، جەمئىيەتتىكى ئەڭ غەيرەتلىك، ئەڭ ئىجادكار، ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە كىشىلەر توپى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەر بىر تارىخىي باسقۇچىدا ياشلارغا باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، كۆڭۈل بۆلدى، ئىشەندى، ياش ئەۋلادلاردىن سەمىمىي ئۈمىدلەرنى كۈتتى، ئۇلارغا قاتتىق تەلەپ قويدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق ئىلگىرىكى ھەر قايسى نۆۋەتلىك پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مىليونلىغان ياشنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ھېكمەتلەرنى قالدۇردى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىلگىرىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىگە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. پۈتۈن پارتىيە ھىمايە قىلىدىغان، خەلق ھۆرمەتلەيدىغان، زامانغا مۇناسىپ پارتىيەنىڭ يادروسى، ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى، خەلقنىڭ داھىيسى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ رولچىسى، خەلقنىڭ يولباشچىسى بولغان باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم ياشلار پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ياشلار بىلەن سىردىشىپ، ياشلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇردى... بارلىق ياشلارنىڭ قەلبىدە باش شۇجى ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھايات يولىدىكى ئۆگىنىش ئۈلگىسى، كىشىلىك ھاياتىدىكى ئۇستازى.

  ئادەم تەربىيەلەشتىكى پاك نىيەت: جۇڭگو ئارزۇسى جۇڭگو ياشلىرىغا مەنسۇپ سەلتەنەتلىك جۇڭگو ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ياش ئەۋلادلارنىڭ غايە – ئېتىقادى، روھىي ھالىتى، ئۇنىۋېرسال ساپاسى بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى، شۇنداقلا بىر دۆلەتنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ مۇھىم ئامىلى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: ياشلىق غايىسى، ياشلىق ھاياتىي كۈچى، ياشلىق كۈرىشى جۇڭگو روھى ۋە جۇڭگو كۈچىنىڭ ھاياتىي كۈچى، دەپ كۆرسەتتى.

  تارىخقا نەزەر سالساق، ياشلىق يەنە پارتىيەمىزدە ئەزەلدىن بار بولغان مۇنەۋۋەر گېن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1-قۇرۇلتىيىدىكى 13 ۋەكىلنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى ئاران 27.7 ياش ئىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ، پارتىيەمىز ئېرىشكەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ياشلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىشى مۇجەسسەملەنگەن.

  دەرەخ ئون يىلدا يېتىلىدۇ، ئادەم يۈز يىلدا. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «پۈتۈن پارتىيە ياشلارغا ئېتىبار بېرىشى، كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇق قىلىشى، ياشلارنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىشى، ياش دوستلارنىڭ سىردىشى، ياشلار خىزمىتىگە ئۆزىنى بېغىشلىغۇچى، ياش ئاممىنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇشى كېرەك.» ئۇ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن ياشلارغا تولۇق ئىشىنىپ، ياشلارغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ياشلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ياشلارنىڭ ئىدىيەسىنى قاناتلاندۇرۇشى ئۈچۈن بىپايان بوشلۇق ئېچىپ بېرىش، ياشلارنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا يېڭىلىق يارىتىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىش، ياشلارنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى يارىتىشى ئۈچۈن تېخىمۇ مول پۇرسەت يارىتىپ بېرىش، ياشلارنىڭ تۆھپە كۆرسىتىپ ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر