باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسى سۇچىلىق تەرەققىيات مەبلىغىنىڭ ھەممىسى چۈشۈرۈلدى

يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق قوللىدى

2018.06.25 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز مالىيەسى يېقىندا سۇچىلىق تەرەققىيات مەبلىغى خامچوتىدىن بەش مىليارد 500 مىليون يۈەن چۈشۈردى، ئۇنىڭغا 2017- يىلى 10- ئايدا مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلگەن 60 مىليارد 575 مىليون يۈەننى قوشقاندا، ھازىرغا قەدەر، 2018- يىلى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايلارنىڭ سۇچىلىق تەرەققىياتىغا ياردەم قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان 66 مىليارد 575 مىليون يۈەنلىك مەبلەغنىڭ ھەممىسى چۈشۈرۈلدى.

  «يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاپ جەملەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇش جەھەتتە ئىزدىنىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز مۇئەييەنلەشتۈرگەن نۇقتىلىق ۋەزىپە مەبلەغ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى «مەخسۇس چوڭ تۈر +ۋەزىپە تالونى» شەكلىنى قوللىنىپ، سۇچىلىق تەرەققىيات مەبلىغىنى ئامىل ئۇسۇلى بويىچە ھېسابلاپ ئۆلكىلەرگە چۈشۈرۈپ، يەرلىك ۋەزىپە تىزىملىكىگە ئاساسەن، ئۇلارنى ئالاقىدار سۇ قۇرۇلۇشلىرىغا بىر تۇتاش ئىشلىتىپ، سۇ تېجەپ سۇغىرىش قاتارلىق ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە تارتىش رايۇنىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، ئاپەتتىن كېيىنكى سۇچىلىقنىڭ ئاجىز ھالقىلىرىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئىگىلىك سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق قوللايدۇ.

  مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق تەلەپ قىلدى: جايلارنىڭ سۇچىلىق تەرەققىيات مەبلىغىنى ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار مەبلەغنى تەرتىپكە سېلىشىغا ئالاقىدار تەلەپلىرىگە ئاساسەن ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نەتىجىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خامچوت ئىجراسىنى تېزلىتىپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر