باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكى ئۈچۈن

___ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى پىلانلىغانلىقى توغرىسىدا

2018.06.25 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋاقىت ئەڭ ئۇلۇغ پۈتكۈچى، ئۇ ئالغا ئىلگىرىلىگۈچىنىڭ قەدىمىنى سادىقلىق بىلەن خاتىرىلەيدۇ.پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى ئۈنۈملۈك بىر تۇتاش پىلانلاپ، يىراقنى كۆرۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دىپلوماتىيە خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەر ئاساسىدا، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى دادىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا يېتەكلىدى.

  يېڭى بۇرچنى زىممىسىگە ئالدى ___

  «جۇڭگو خەلقى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىشىنى خالايدۇ!»

  ___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتى

  2018-يىلى 10-ئىيۇن، خۇاڭخەي دېڭىزى بويىدا ھەممە كۆزىنى تىككەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى يېپىلدى. «ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئورتاق ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش» قاتارلىق روشەن جۇڭگو بەلگىسىگە ئىگە مەزمۇنلار ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ چىڭداۋ خىتابنامىسىغا كىرگۈزۈلدى.

  بۇ چاغدا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىكى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك دېگەننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىغا تېخى سەككىز ئايمۇ بولمىغانىدى.

  بۇلتۇر 10-ئايدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى»غا كىرگۈزۈلگەندىن تارتىپ بۇ يىل 3-ئايدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»غا كىرگۈزۈلگىچە، دۇنيا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ «ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش»تەك دەبدەبىلىك ۋەدىسى ۋە قەتئىي ئىرادىسىگە شاھىت بولدى.

  ئارقا-ئارقىدىن ب د ت نىڭ ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلۈشتىن بۇ قېتىمقى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا سەككىز دۆلەتنىڭ سىياسىي ئورتاق تونۇشىغا ئايلىنىشقىچە، ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان روشەن بايراققا ئايلاندى.

  چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇنداق باھا بەردى: ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە تەلىماتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل بولۇپ، جۇڭگونىڭ بارلىق تاشقى سىياسەت تۈۋرۈكىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.ئۇلۇغ دەۋر، ئۇلۇغ ئەمەلىيەت، ئۇلۇغ نەزەرىيەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  رۇسىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: ھازىرقىدەك دۇنيا تەرتىپى تېز سۈرئەتتە ئاجىزلىشىۋاتقان شارائىتتا، ئىنسانلار پائال ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات قارىشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق. جۇڭگو تەمىنلىگەن قاراش ئابستراكت يەكۈندىن چىقمىغان، بەلكى ئۆز تەجرىبىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.

  «دۆلەت ئىچىنى ئىدارە قىلىش ياكى دۇنيانى ئىدارە قىلىشتا بولسۇن، ھەممىسى خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى نىشان قىلىشى، خەلقنى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىشەنچ ۋە مۇقىم كۆزلىمە بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.» بۇ يىل 4-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى ئۇقۇمىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسەتتىكى ئورگانىك بىرلىكىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. «بىز قىلىۋاتقان ئىشلار خەلققە بەخت يارىتىش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، دۇنيادا ئورتاقلىق ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.»

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر