16- ئىيۇن، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىمىدىكى ھەربىي ئوركېستىر «ۋەتەنگە مەدھىيە» نومۇرىنى ئورۇنلىماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، خەنخۇا ئوتتۇرا مەكتەپ مەكتەپداشلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىمنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇلى، ھەربىي ئوركېستىر، مەدەنىيەت ئەترىتى ۋە ۋاسكېتبول كوماندىسى قاتارلىقلار تەكلىپكە بىنائەن 2000دىن ئارتۇق شياڭگاڭ ئاھالىسى ۋە خەنخۇا مەكتەپداشلىرى ئۈچۈن بىر قاتار نادىر ئويۇنلارنى تەقدىم قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى