باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇاڭ كۈنمىڭ خېنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى تەلىپىنى ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2018.06.14 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 13- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ خېنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركىز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىپ، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى تەلىپىنى ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاممىغا خىزمەت قىلىپ، يېڭى نەتىجە، يېڭى ئۈنۈم بىلەن كىشىلەرنىڭ يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  خۇاڭ كۈنمىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى كىشىلەرگە قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇش_ يېڭى دەۋردە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش. سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە دەۋر بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇش، ئاخبارات نەشرىيات، سەنئەت ئىجادىيىتى، ئىدىيەۋى، سىياسىي تەربىيە، مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە ھەمكارلىشىپ كۈچەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، ئۈنۈملۈك ھالدا ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيلىكىنى يەتكۈزۈش ۋە ئۆگىنىش مەركىزىي قۇرۇلۇشى ئۈسىتدە پائال ئىزدىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ئۈنۈمنى ئالدىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاددىي پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نۇقتنى توغرا ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق نۇقتىسىنى تۇتۇپ، ئدىيەۋى، ھېسسىيات جەھەتتە ئورتاق كۆزقاراشنى قوزغىتىپ، ئىلمىي نەزەرىيەنى ئاممىباپ تىل، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىلدە تەشۋىق قىلىپ، فاڭجېن سىياسەتلەرنى شەرھىلەپ، ئاساسىي قىممەتنى تارقىتىپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى كىشىلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، دەۋر يېڭى كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر