باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقاتتى

كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ

2018.06.14 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمى ئورنىتىشنى قارار قىلدى، 2018-يىلى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا زىچ باغلاپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىقتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ بىر تەرەپ قىلىپ، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش نىشانىنى چۆرىدەپ، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، سىياسەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمى ئورنىتىشنى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى قىلىپ، رايونلار ئارا كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى يۈكىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار بەلگىلەندى: كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمى ئورنىتىشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: ھازىرقى كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش پىلانلاش ئاساسىدا، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەركەز تەڭشەش فوندى قۇرۇپ، ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرىنچى، مەركەز تەڭشەش فوندى ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى تاپشۇرغان مەبلىغىدىن تەركىب تاپىدۇ، ھەر قايسى ئۆلكە ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %90ى ۋە خىزمەتتىكى سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك كىشىلەر سانى تاپشۇرىدىغان سوممىنى ھېسابلاشنىڭ ئاساسىي سانى قىلىنىپ، تاپشۇرىدىغان نىسبەت %3تىن باشلىنىپ، تەدرىجىي ئۆستۈرۈلىدۇ. ئىككىنچى، مەركەز تەڭشەش فوندىدا كىرىم ئارقىلىق چىقىم بېكىتىلىپ، شۇ يىلى توپلانغان مەبلەغ كىشى بېشىغا نورما بويىچە ئاجرىتىش چارىسىغا ئاساسەن ھەممىسى يەرلىككە ئاجرىتىپ بېرىلىدۇ. ئۈچىنچى، مەركەز تەڭشەش فوندى مەركەز دەرىجىلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى مالىيە مەخسۇس ئىسچوتىغا كىرگۈزۈلۈپ، كىرىم-چىقىم ئىككى لىنىيە بويىچە باشقۇرۇلۇپ، مەخسۇس پۇل مەخسۇس ئىشقا ئىشلىتىلىدۇ، مالىيە خامچوتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. تۆتىنچى، ھازىرقى مەركەز مالىيەسىنىڭ ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى ۋە ياردەم بېرىش ئۇسۇلى ئۆزگەرمەيدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىش ۋە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ يوچۇقىنى تولۇقلاشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئالىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر