باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋە زەھەر چىكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ

2018.06.14 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 13-ئىيۇن ئېلان قىلىشىچە، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 14-ئىيۇن باشلىنىدىغان بولۇپ، تاڭزۇڭزا بايرىمىلىق دەم ئېلىشمۇ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ ئارىلىقتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋە زەھەر چىكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىدىكەن.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، كەڭ ئامما توپ مۇسابىقىسى كۆرۈش، يىغىلىپ تەنتەنە قىلىش، ساياھەتكە چىقىش، يازدا تومۇزدىن ساقلىنىش پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشى كۆپ يۈز بېرىپ، خەۋپ-خەتەر نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن كېلىپ چىققان قاتناش ھادىسىسى 459 قېتىم بولۇپ، 191 ئادەم ئۆلگەن، 482 ئادەم يارىلانغان.

  خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش، زەھەر چىكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشلىرىنى مەملىكەت بويىچە كېچىلىك بىر تۇتاش تەكشۈرۈش ھەرىكىتىگە ئورۇنلاشتۇردى. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ساقچى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يوللاردا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قىلچە يول قويماي، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش، زەھەر چىكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق قاتناش قانۇنغا خىلاپ گەۋدىلىك جىنايى قىلمىشلارنى تەرتىپكە سالىدۇ.

  ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى كەڭ «توپ مەستانىسى» شوپۇرلىرىغا ئەسكەرتىدۇكى، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتى كۆپىنچە كېچىدە ۋە سەھەردە بولۇپ، توپ مۇسابىقىسىغا دىققەت قىلىش، خۇشال ھالدا توپ كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاتناش بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك، تەلەي سىناش پوزىتسىيىسىدە بولماسلىق، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىزىل سىزىقىغا، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش تۆۋەن چېكىگە، زەھەر چىكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش يۇقىرى بېسىم چېكىگە قەتئىي تەگمەسلىك، «خۇشال ھالدا توپ كۆرۈش، بىخەتەر سەپەرگە چىقىش»نى ئاڭلىق ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش، زەھەر چىكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئاڭلىق چەكلەپ، بىخەتەر، مەدەنىي يول قاتنىشى مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر