باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نادال چېمپىيون بولۇش قېتىم سانىدا فېدىرىرغا يېتىشەي دەپ قالدى

فىرانسىيە چويلا توپ مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

2018.06.13 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە چويلا توپ مۇسابىقىسىنىڭ ئاياغلىشىشى بىلەن، نادال چېمپىيون بولدى. رولان گاررىس توپ مەيدانىدا، 2005-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە نادال فىرانسىيە چويلا توپ مۇسابىقىسىدە جەمئىي 11 قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. ھازىرغىچە، نادال جەمئىي 17 قېتىم ئومۇمىي چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، بۇ فېدىرىرنىڭ 20 قېتىم ئومۇمىي چېمپىيون بولۇش رېكورتىغا يەنە ئۈچ قېتىملا كەم قالدى. نادال فېدىرىردىن تۆت ياش كىچىك، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ فېدىرىرنىڭ رېكورتىنى بۇزۇشىغا يەنە ئىمكان بار.

  بۇ قېتىملىق فىرانسىيە چويلا توپ مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن، نادالنىڭ چېمپىيون بولۇش ئېھتىماللىقى %100 دەپ مۆلچەرلەنگەن ئىدى. فىرانسىيە ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدىلا ئەمەس، ئىسپانىيەدىكى قىزىل توپا مەيداندا ئۇدا ئىككى يىل ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. نادال مونتېكالو سەرخىللار مۇسابىقىسى ۋە بارسېلونا ئاشكارا مۇسابىقىسىدە 11 قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. فىرانسىيە چويلا توپ مۇسابىقسىدە 11 قېتىم چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، ئۇ «ئالدىنقىلار قىلىپ باقمىغان، كېيىنكىلەر ھەم يېتىشى تەس بولغان» رېكورتنى ياراتتى.

  نادال 17 قېتىم ئومۇمىي چېمپىيون بولدى، فېدىرىرنىڭ رېكورتىغا تەڭلىشىشكە يەنە ئۈچ قېتىملا قالدى. نادالنىڭ شۇ پەيتتىكى ھېسىياتى كىشىلەرنى ناھايىتى قىزىقتۇردى، بىراق «قىزىل توپا پادىشاھى» مۇنداق دېدى: «مېنى مۇشۇ مۇسابىقىدىن ھۇزۇرلاندۇرغىلى قويۇڭلار، مەن مەڭگۈ تېخىمۇ كۆپ چېمپىيون بولىمەن دەپلا ئويلاپ يۈرمەيمەن. ئەلۋەتتە، كۆپ چېمپىيون بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن ھەم بۇنىڭغا نىسبەتەن جاسارىتىم بار، مېنىڭ چويلا توپقا بولغان قايناق قىزغىنلىقىم بار. بىراق مەن ئەزەلدىن <رېكورت> دېگەن نەرسىگە ئۇنچىۋالا چاپلىشىۋالمايمەن، ناۋادا باشقىلارنىڭ پۇلى سىلەرنىڭكىدىن كۆپ، ئۆيى سىلەرنىڭكىدىن چوڭ بولسا، سىلەر روھسىزلىنىپ كېتەمسىلەر؟ ئوخشاشلا گەپ، باشقىلارنىڭ ئېرىشكەن چېمپىيونلۇقى سىزنىڭكىدىن كۆپ بولسا، بۇنىڭغا چۈشكۈنلىشىش ۋە ئۆزىگە بېسىم قىلىش كەتمەيدۇ، سىز ئۆزىڭىزگە تەۋە تۇرمۇشىڭىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىڭىز كېرەك.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر