باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى نەق مەيداندا ياسىلىپ سېتىلىدىغان ئەتكەن چاي، مېۋە-كۆكتات شىرنىلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى

2018.06.13 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور پونكىتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نەق مەيداندا ئىچىملىك ياساپ ساتىدىغان ئىچىملىك دۇكانلىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، «تور چولپان ئەتكەن چېيى»، «تور چولپان مېۋە شىرنىسى» قاتارلىق ئىچىملىكلەر كەڭ ئىستېمالچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان. لېكىن تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، قىسمەن ئىچىملىك دۇكانلىرىدا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن خام ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش، تازىلىق شارائىتى ناچار بولۇش، ساختا تەشۋىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر بىر قەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپى ساقلانغان. بۇنىڭغا قارىتا، نەق مەيداندا ياسىلىپ سېتىلىدىغان ئەتكەن چاي، مېۋە-كۆكتات شىرنىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا «نەق مەيداندا ياسىلىپ سېتىلىدىغان ئەتكەن چاي، مېۋە-كۆكتات شىرنىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، جايلاردىن ئەتكەن چاي، مېۋە-كۆكتات شىرنىسى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا ياساپ ساتىدىغان ئىچىملىك دۇكانلىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك خەۋپى ساقلانغان ئىچىملىك ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللارنى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشكە تەشكىللەشنى تەلەپ قىلغان.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كەسىپكارلار سالامەتلىك ئىسپاتى ئېلىشى، پاكىز خىزمەت كىيىمى، شەپكە قاتارلىقلارنى كىيىشى، شەخسىي تازىلىق ۋە قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. سۈت، سۈت پاراشوكى، چاي پاراشوكى، خالتىلىق چاي، مېۋە-چىۋە، مۇراببا، قىيام، يېمەكلىك خۇرۇچى، بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان ئىستاكان ۋە نەيچە قاتارلىق قوشۇمچە ماتېرىياللارنى سېتىۋالغاندا دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. خام ماتېرىياللارنى ساقلايدىغان، توشۇيدىغان ۋە سالىدىغان قاچىلار بىخەتەر، زىيانسىز بولۇشى، ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى پاكىز يۇيۇپ، دېزىنفېكسىيەلەپ، تازىلىقىنى ساقلىشى كېرەك. سېتىۋېلىپ ئىشلىتىدىغان يۇغۇچى، دېزىنفېكسىيەلىگۈچى بىخەتەر، ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز بولۇشى كېرەك. يېيىلىدىغان مۇز، ئەتكەن چاي، مېۋە-كۆكتات شىرنىسى ياساشقا ئىشلىتىدىغان سۇ دۆلەت ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن تۇرمۇش ئىچىملىك سۈيىنىڭ ئۆلچىمىگە توشۇشى كېرەك. مېۋە-كۆكتات شىرنىسى تەييارلاشقا ئىشلىتىلىدىغان مېۋە، كۆكتاتلار يېڭى، بىخەتەر بولۇشى ۋە پاكىز يۇيۇلۇشى كېرەك. سېسىپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن مېۋە، كۆكتاتلارنى، شۇنداقلا ئىشلىتىش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن مۇراببا، قىيام قاتارلىق قوشۇمچە ماتېرىياللار بىلەن ئىچىملىك ياساشقا بولمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر