باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئابىدە

___ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ئۇتۇقلۇق، مول نەتىجىلىك بولدى

2018.06.11 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 10-ئىيۇن چىڭداۋدا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى.

  سوئال: جۇڭگو ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنى قايتا ئۇيۇشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنى كۆپەيتكەندىن كېيىن ئاچقان تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەھمىيىتىگە قانداق قارايسىز؟

  جاۋاب: ئىلگىرىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىملىق چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۆلىمىنى ئەڭ چوڭ، دەرىجىسىنى ئەڭ يۇقىرى، نەتىجىسىنى ئەڭ مول دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياراتقان بىر قاتار رېكورتلارنى بۇزۇپ تاشلىدى. بۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەرنى كۆپەيتكەندىن كېيىن ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى. ھازىر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا سەككىز ئەزا دۆلەت، تۆت كۆزەتكۈچى دۆلەت، ئالتە سۆھبەتلىشىش ھەمراھ دۆلىتى بار، ئىقتىساد ۋە نوپۇس ئومۇمىي مىقدارى پۈتۈن دۇنيانىڭ %20 ۋە %40تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، ھازىر دۇنيادىكى يەر مەيدانى ئەڭ كەڭ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئۇنىۋېرسال رايون ھەمكارلىق تەشكىلاتى. 12 دۆلەتتىن كەلگەن دۆلەت رەھبىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقى، 10 خەلقئارا تەشكىلات ياكى ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى چىڭداۋغا يىغىلىپ، 2000دىن ئارتۇق چەت ئەللىك مېھمان تىزىمغا ئالدۇردى، 3000دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق-چەت ئەللىك مۇخبىر باشلىقلار يىغىنىنى زىيارەت قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»نىڭ ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 17 يىلدىن بۇيان بېسىپ ئۆتكەن قالتىس مۇساپىنى بىرلىكتە ئەسلەپ، تەشكىلاتنىڭ كەلگۈسى يولى ۋە يۆنىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلىدى ۋە بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلدى. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى 23 ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى ۋە ئۇنىڭغا شاھىت بولدى، بۇ ھەم ھەر نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى بويىچە ئەڭ مول نەتىجىگە ئېرىشكەن بىر قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى. شۇنداق دېيىشكە بولدىكى، جۇڭگو ۋە ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسى مۆلچەردىن ئېشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى يېڭى بىر ئابىدە بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدە تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپ ئەڭ مۇھىم:

  بىرىنچى، «شاڭخەي روھى» گەۋدىلەندۈرۈلدى. ئىككىنچى، تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە ئېڭى شەكىللەندى. ئۈچىنچى، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر